تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 15 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىدۇ يېڭىدىن غۇلجا بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈش بازىسى قۇرىدۇ

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) مۇخبىرنىڭ تيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 26-كۈنى، مەملىكەت بويىچە خەلق ئاۋىياتسىيەسى 2023- يىللىق يازلىق-كۈزلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ پەسىل ئالمىشىشىنى ئىجرا قىلىدىكەن. يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭنىڭ رايون بازىرىدا داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، «تارماق لىنىيەلەر ئۆزئارا تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيەلەرنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە سىرتىدىكى غول لىنىيە ۋە تارماق لىنىيە تورىنى ئۇزارتىپ، شىنجاڭ رايونىدا جەمئىي 15 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىش، قايتا ئېچىش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشنى ھەم يېڭىدىن غۇلجا قونۇش بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىغان.

يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 15 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىدۇ، يېڭىدىن غۇلجا بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈش بازىسى قۇرىدۇ.

سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن

   15 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىچىدە، شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سەككىز بولۇپ، كورلا، چاقىلىق، كۇچا، يەكەن، خوتەن، چۆچەك، ئالتاي، تۇمشۇق، شىخەنزە، غۇلجىدىن ئىبارەت ئون ئاۋىياتسىيە نۇقتىسىنى قاپلايدۇ؛ شىنجاڭ سىرتىدا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يەتتە بولۇپ، جېڭجوۋ، چىڭداۋ، شىئەن، ۋۇخۇ، چېڭدۇ تيەنفۇ، چاڭشا، خاڭجوۋ، ۋۇخەندىن ئىبارەت سەككىز ئاۋىياتسىيە نۇقتىسىنى قاپلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن يېڭىدىن غۇلجا بىر كېچە ئۆتكۈزۈش بازىسى قۇرۇشنى ھەم غۇلجا پورتىغا كىرىپ-چىقىدىغان كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى، ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرى تۇرپان، قەشقەر، ئالتاي، تۇمشۇق، شىخەنزە، خوتەن، كۇچا قاتارلىق شەھەرلەرنى قاپلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا ئۈرۈمچىنى ئاساسىي بازا، تۇرپان، غۇلجىنى قوشۇمچە قىلغان ئۈچ بازىلىق يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ راۋانلىقى، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «تارماق لىنىيەلەر ئۆزئارا تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوزغىتىپ، «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، جەنۇب بىلەن شىمال تۇتاشقان، تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ۋە نىسپىي مۇۋاپىق تىرانسپورت كۈچى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق بولغان سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.