تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەڭ يېڭى جەملىمە! ئۈرۈمچىدىكى بۆلەكلەر بويىچە باھا ھېسابلىنىدىغان بۇ ئون ئاممىۋى قاتناشتا ۋېيشىن، جىفۇباۋدا ھەق تۆلەش ۋاقتىنچە توختىتىلدى

    يېقىندا، بىر تورداش 307-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغاندا ۋېيشىن، جىفۇباۋدا ھەق تۆلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى، خۇڭسەن كارتىسى Appسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىرقەدەر ئاۋارىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ، يان تېلېفون ئارقىلىق ھەق تۆلەيدىغان باشقا قولايلىق ئۇسۇلنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى.

   3-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر بۇ سوئالغا قارىتا، ئۈرۈمچى خۇڭسەن ھەممىباب كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تورداش ئولتۇرغان 307-يول ئاپتوبۇسى بۆلەكلەر بويىچە باھا ھېسابلىنىدىغان ئاپتوبۇس بولۇپ، نۆۋەتتە ۋېيشىن، جىفۇباۋدىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ھەق تۆلەش ئۇسۇلىغا ئۇلانمىغان، يولۇچىلار خۇڭسەن كارتىسى Appسى ئارقىلىق يان تېلېفونىدا كود سىكاننېرلاپ ئاپتوموبىلغا چىقسا بولىدىكەن. خۇڭسەن كارتىسى Appسىنى ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، چۈشۈرگەندىن كېيىن پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ھەقىقىي نامدا ئىسپات بېرىشنىڭ ئىككى تۈرىنى تاماملاپ، بانكا بىرلەشمىسى ياكى ۋېيشىن، جىفۇباۋ ئارقىلىق قىممەت تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئىككىلىك كود ھاسىل بولىدىكەن ئاندىن ئاپتوبۇسقا چىقسا بولىدىكەن. بۆلەكلەر بويىچە باھا ھېسابلىنىدىغان لىنىيەدە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا، ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن ۋە چۈشۈشتىن بۇرۇن ھەممىسىدە كارتا سۈركەشكە توغرا كېلىدىغان، بۇنىڭدا سىستېما ئارقىلىق ئارىلىقنى ئاپتوماتىك ھېسابلاش ئارقىلىق مۇناسىپ ھەق تۇتۇپ قېلىنىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەركىزىي شەھەردە بۆلەكلەر بويىچە باھا ھېسابلىنىدىغان ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىن جەمئىي ئونى يەنى 307-يول، 5301- يول، 909-يول، 8031-يول، 8034-يول، 19-يول، 5035-يول، 551-يول، 613-يول ۋە 512-يول بار بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش بېلەت باھاسى بىر يۈەندىن ئۈچ يۈەنگىچە ئىكەن. ھەق تۆلەشتە نەق پۇل تۆلىسىمۇ، خۇڭسەن ھەممىباب كارتىسى ۋە خۇڭسەن كارتىسى Appسى كودىنى سىكاننېرلاپ ئاپتوموبىلغا چىقىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدىكەن، كېيىنكى مەزگىلدە خۇڭسەن ھەممىباب كارتا شىركىتى ۋېيشىن، جىفۇباۋ بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى پائال كېڭىشىپ، يولۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا چىقىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىدىكەن.

پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.