تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولايلى

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

يېڭى دەۋردىكى 10 يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن 10 يىل بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىيات يولىغا يېتەكلىدى. 10 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىدە تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى يەرشارى بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ زورايدى، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى سىجىل ئاشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش ۋە يۈزلىنىش خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش نامايان بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭقۇر، پۇختا بولدى، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، تۈرلۈك ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

رەئىس شى جىنپىڭ «ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى» دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلدى. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، پۇختا ماددىي ئاساس، تېخنىكا ئاساسى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربە، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتالايمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلەپلىرىنىڭ بىرى. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەزمەن سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەزمەن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش، تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىسى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى، رىقابەت كۈچى، تەرەققىيات كۈچى ۋە سىجىل داۋاملاشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، تىنچ - ئامانلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تۇرمۇش سۈپىتىگە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى مۇساپىنى بەلگىلەيدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلايلى، قەدەمنى ياخشى ئالايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.