ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ھەرقايسى قۇرۇلۇش بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 4-بۆلەك بېتون لىم قويۇش مەيدانىدا، ئىشچىلار ساندۇقسىمان لىم ياساۋاتاتتى؛ تونېل ئىچىدە، قېزىش ماشىنىسى يەردىكى ئۇششاق تاشلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىۋاتاتتى... ھەر قايسى قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 4-بۆلىكىدە ئىشچىلار پولات چىۋىق كەپشەرلىمەكتە.
ۋاڭ شېڭنەن فوتوسى
«باشلىنىش كۈچەش دېمەكتۇر، خادىملىرىمىز مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش مەيدانىغا كىرىپ خېلى بالدۇرلا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى، ئىش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز قۇرۇلۇش قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل بارات پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ لىم تاختىسىنى قۇراشتۇرۇش، يۆجىن 2-نومۇرلۇق تونېلنىڭ ئوڭ ۋە سول ئۆڭكۈرىنى تۇتاشتۇرۇش، يۆجىن 3-نومۇرلۇق تونېلنىڭ سول ئۆڭكۈرىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.» دېدى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيولى PPP ھۆددە تۈرىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر توپا قۇرۇلۇشى 4-بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋۇ شىڭۋاڭ.
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 5-بۆلەك قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرگەندە، گۈلدۈرلىگەن پارتلىتىش ئاۋازى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدىن ئاڭلاندى، ئاپتوموبىللار داشقاللارنى تونېل ئىچىدىن توشۇپ چىقتى.
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.1 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ «بوغۇز» قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل ھېسابلىنىدۇ. بۇ تونېلنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ، قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى زور بولغاچقا، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كوللىكتىپى «ئۈچ تەشمە + تۆت تىك قۇدۇق» قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، يەنى ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا يول تەشمىىسدە قاتتىق تاغ جىنىسلىرىنى قېزىش ماشىنىسى ئارقىلىق قۇرۇلۇش قىلىپ، ئوڭ ۋە سول ئىككى ئاساسىي ئۆڭكۈر ئۈچۈن قوشۇمچە قېزىش ئورنى ئېچىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدى.
«باھار بايرىمى مەزگىلىدە بىز ئىزچىل قۇرۇلۇش قىلدۇق، نۆۋەتتە تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۆڭكۈر 4866 مېتىر، ئوڭ تەرىپىدىكى ئۆڭكۈر 4500 مېتىر، ئوتتۇرا يولدىكى ئۆڭكۈر 7754 مېتىر قېزىلدى. بۇ يىل بىز ئىش مۇددىتىنى تەتۈر تىزىپ، خادىم ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا يول ئۆڭكۈرىنى يىل ئاخىرىغىچە تۇتاشتۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيولى PPP ھۆددە تۈرىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر توپا قۇرۇلۇشى 5-بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خېچى.
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۈرۈمچى شەھىرى G30 لىنىيەسى ساڭفاڭگۇ ئۆز ئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى چوڭكۆل كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 319.719 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدىكەن، پىلان بويىچە قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە يىل بولىدىكەن.
قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كورلىنىڭ جەنۇبىدىن لوپنۇرغىچە بولغان بۆلىكىدە 9-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلاش شارائىتى ھازىرلىنىدىكەن، بۇ تۈردە ئاخىرىدا 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇددەتتىن بۇرۇن قاتناش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئالتە سائەت ئەتراپىدا بولۇشتىن ئۈچ سائەت ئەتراپىغا قىسقىراشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى