تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ پۇقرالار چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ ۋە ئېچىۋېتىلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، دۇڭ شۆ) دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سورالغان سوئاللارغا قارىتا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، پۇقرالار چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئېچىپ، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشقا يەنىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى قارار قىلدى.

    ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو تەرەپ بىر قىسىم دۆلەتلەردە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، ئومۇمىي يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ياخشى بولدى. يېقىندا، جۇڭگودا يۇقۇم ئەھۋالىدا مۇقىم ھالەت ساقلاندى، ئاممىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجى ئاشتى، نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە كېلىشىنى كۈتمەكتە.

    «بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، پۇقرالار چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئېچىپ، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشقا يەنىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى قارار قىلدى». ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: مەسئۇل تارماقلار ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    «شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى كۆزىتىپ ئۆلچەپ، چەت ئەلدە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئەلىنىشىگە دىققەت قىلىپ، دۆلىتىمىز ھەم شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ساغلام ساياھەتكە چىقىش، بىخەتەر ساياھەتكە چىقىش، مەدەنىي ساياھەتكە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنلىقى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.