تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى «يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى» ئېچىلدى!

  3-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تۇنجى «يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى» خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە ئېچىلدى.

  پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۇتۇپخانىسى، VR كىنو ھېس قىلىش رايونى، ئىلمىي تەجرىبە رايونى، لېگاۋ ئويۇنچۇق قۇراشتۇرۇش رايونى، ئېغىرلىق كۈچى ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھېس قىلىش رايونى قاتارلىق بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان، سۈرەت، يېزىق، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، VR ھېس قىلىش، كۆزەينەكسىز 3D قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلارغا ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش جەريانىدا پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، بىلىم قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلماقتا.

يېزا-كەنت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇش.

  پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدىكى ماگنىت كۈچى ئايلانما دىسكىسى، VR سېنزورى، ئايلانما كۈمۈش تۇخۇم قاتارلىق 25 خىل ھېس قىلىش ئۈسكۈنىسى ئىلمىيلىككە، بىلىم خاراكتېرىگە ئىگە، قىزىقارلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. «بۈگۈن مېنىڭ نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم كارتون فىلىم ۋە كىنو ئىشلەش، بۇ يەردە يەنە بىر سىرلىق ئەينەك بار ئىكەن، ئۇ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ماشىنا، دەرەخلەرنى قوش ھالەتتە كۆرسىتىدىكەن. مەن تىرىشىپ پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى ئايدىڭكۆل كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئەلى خۇشال ھالدا.

ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ھېس قىلماقتا.

ئوقۇغۇچىلار پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ھېس قىلماقتا.

  نەق مەيداندا، خوتەن ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىغا 30 نەچچە تۈرلۈك 600 پارچىدىن ئارتۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى، 25 يۈرۈش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇتۇش قورالى، 20 يۈرۈش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەجرىبە سومكىسى سوۋغا قىلدى.

ئوقۇغۇچىلار پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ھېس قىلماقتا.

ئوقۇغۇچىلار پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ھېس قىلماقتا.

  «بۈگۈن مەن نۇرغۇن قىزىقارلىق پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى كۆردۈم، بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ قىزىققىنىم ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان ئەگمە مىخ، ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەگمە مىخ ئۇسسۇلغا سېلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىمەن» دېدى ئايدىڭكۆل كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلفىرە تۇرغۇن.

ئوقۇغۇچىلار پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ھېس قىلماقتا.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئايدىڭكۆل كەنتى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، شەھەر ئەتراپىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنى ھەر مىللەت ئاممىغا، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىرنى تۇتاشتۇردى. بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنت، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى كېڭەيتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنى ئېچىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى فەن ۋېنچېڭ.

  مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.