تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھەرىكەت ھالىتى چەمبىرىكى | بەختىمىز كەلدى! گۇاڭدۇڭ، شېنجېندىن كەلگەن 40 داڭلىق ئوقۇتقۇچى قەشقەردە خىزمەت ئۆيى قۇردى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

    3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونى تۇنجى تۈركۈمدە قەشقەرگە ياردەم قىلىش-يۆلەشكە قاتنىشىدىغان 40 «سەنمىڭ» خىزمەت ئۆيى قەشقەر خىزمەت پونكىتى قۇرۇشنى بېكىتتى، بۇ گۇاڭدۇڭدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە شېنجېننىڭ شەھەر دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم قەشقەردە «سەنمىڭ» خىزمەت ئۆيىنى قۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

    «سەنمىڭ» خىزمەت ئۆيى شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەدبىرى بولۇپ، «داڭلىق مەكتەپ (يەسلى) مۇدىرى، داڭلىق سىنىپ مەسئۇلى، داڭلىق ئوقۇتقۇچى» خىزمەت ئۆيى قۇرۇش ئارقىلىق داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ جەھەتتە پىشىپ يېتىلىشىدىكى ئۆگىنىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، مائارىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش، مائارىپ، ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

    شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونى «سەنمىڭ» خىزمەت ئۆيى جەمئىي 406 خىزمەت ئۆيىنى باھالاپ چىققان بولۇپ، زور بىر تۈركۈم ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، تايانچ ئوقۇتقۇچى قاتارلىق مول داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى بار. بۇ قېتىم يېڭىدىن قۇرۇلغان «سەنمىڭ» خىزمەت ئۆيىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىسىدىن بەشى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىسىدىن 35ى بار. تەربىيەلەش مەزگىلىدە، شېنجېندىكى «سەنمىڭ» خىزمەت ئۆيى قەشقەرگە قەرەللىك بېرىپ ئوقۇتۇشنى يەتكۈزىدۇ، قەشقەر خىزمەت ئۆيىدىكى ئەزالارنى شېنجېنغا بېرىپ ئىش ئورنىدا ئۆگىنىشكە قەرەللىك  تەكلىپ قىلىدۇ،  تۈرلۈك ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزىدۇ.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى داڭلىق مەكتەپ (يەسلى) مۇدىرى، داڭلىق سىنىپ مەسئۇلى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى قەشقەر خىزمەت پونكىتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سۈرەتنى شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن

    بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان 40 خىزمەت ئۆيى قەشقەر شەھىرىدە خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر شەھىرىدىن 200گە يېقىن ئەزا، كۇرسانتنى خىزمەت ئۆيىگە قوبۇل قىلىدۇ، ئىككى يىل بىر تەربىيەلەش دەۋرى قىلىنىپ، قەشقەردىكى ياردەم قىلىدىغان-يۆلەيدىغان كۇرسانتلارغا خاس تەربىيەلەش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، تەربىيەلەش نىشانى مىقدارلاشتۇرۇلۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشى، دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسى، تېما تەتقىقاتى، ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتىشتۈرۈش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىق يېتەكلەپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ بىر تۈركۈم تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا كۈچ قوشۇپ، «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان» قوشۇن بەرپا قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.