ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار دۇڭ لياڭ، تاڭ كەندۇڭ) 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2023 ـــ 2022-يىللىق مۇسابىقە پەسلى مەملىكەتلىك تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلاندى. شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى تۇنجى كۈنىلا بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.

قاناغات مۇقامىت ئەرلەر ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 5000 مېتىرغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بولدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى
مۇسابىقىنىڭ تۇنجى كۈنى ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 500 مېتىرغا تېيىلىش، 5000 مېتىرغا تېيىلىش، ئاياللارنىڭ ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 500 مېتىرغا تېيىلىش، 3000 مېتىرغا تېيىلىش، شۇنداقلا ئەرلەر، ئاياللارنىڭ قىسقا ئارىلىقتا كوللېكتىپ قوغلىشىش بويىچە جەمئىي ئالتە كىچىك تۈردە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ئەرلەر، ئاياللار كوماندىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالماس قاغانباي بىلەن تيەن رۇينىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى.
ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاياللارنىڭ ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 500 مېتىرغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كوماندىسىدىكى خەن مېي 38 سېكۇنت 43 دەقىقە نەتىجە بىلەن 1-لىككە ئېرىشتى، بۇ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەيدانغا كەلگەن تۇنجى ئالتۇن مېدال ھېسابلىنىدۇ.
ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 500 مېتىرغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق داڭلىق ماھىر ئالماس كەينىدىن سانىغاندا 2-گۇرۇپپىدا مەيدانغا چىقىپ، 36 سېكۇنت 38 دەقىقە نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. بىراق ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە جيامۇس شەھىرىدىن كەلگەن ليۇ بىننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، بۇ تۈردىكى بارلىق ماھىرلار ئىچىدە 36 سېكۇنت ئىچىدە تېيىلىپ بولغان بىردىنبىر ماھىر بولۇپ قالدى ۋە ئاخىرىدا 35 سېكونت 95 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن چېمپىيۇن بولدى. ئالماس كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ سەبدىشى تېنبول يېركېن 36 سېكۇنت 43 دەقىقە نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئالماس قاغانباي (ئارقا رەت سول تەرەپ) بىلەن تېنبول يېركېن (ئارقا رەت ئوڭ تەرەپ) ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 500 مېتىرغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى
ئالماسنىڭ كۈمۈش مېدال ئېلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ سەبدىشى قاناغات مۇقامىت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تۈرى−ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي ماھارەت بويىچە 5000 مېتىرغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە 6 مىنۇت 28 سېكۇنتتا تېيىلىپ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن ماھىردىن 2.367 سېكۇنت بالدۇر تېيىلىپ چېمپىيۇن بولدى. بۇ، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئېرىشكەن تۇنجى ئالتۇن مېدالى.
ئاياللارنىڭ قىسقا ئارىلىقتا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاياللارنىڭ ئومۇمىي ماھارەت مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان تيەن رۇينىڭ سەبداشلىرى شى دۇڭشۆ، ۋاڭ يىڭيىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈچى ياخشى ماسلىشىپ، ئۈچ ئايلانمىنى بىر مىنۇت 28 سېكۇنت 98 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئايلىنىپ، جىلىن ئۆلكىلىك قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە جىلىن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئۈچ ماھىرىدىن تەشكىللەنگەن ئارىلاشما B كوماندىنىڭ 1 مىنۇت 28 سېكۇنت 88 دەقىقلىق نەتىجىسى بىلەن بىلەن پەقەت 0.1 سېكۇنتلا پەرقلىنىپ قالدى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئاياللار تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بۇ تۈردە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

ۋاڭ يىڭيىڭ (سولدا)، شى دۇڭشۆ (ئوتتۇرىدا)، تيەن رۇينىڭ (ئوڭدا) بىرلىشىپ ئاياللارنىڭ قىسقا ئارىلىقتا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، بىر يىلدىن بۇيان بىز قاتناشقان مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ نورمال سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇردۇق. «بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىمىز كوماندىدىكى باشقا ئەزالار ۋە مېنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى» دېدى قاناغات.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى