ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ) 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچقۇرۇن ياغقان سىم-سىم يامغۇر شەھەرگە باھار ھىدى ئېلىپ كەلدى. ئەمما شەھەر ئەتراپىدا باشقىچە بىر مەنزىرە نامايان بولدى، يەنى ياغقان قار تاغلارغا كۈمۈش لىباس كىيدۈرۈپ، باش باھاردىكى ئۆزگىچە مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ مەنزىرە رايونىغا بارغىنىمدا، كۈمۈش رەڭ لىباس كىيگەن تاغلار، قارلار ئېرىگەن تاغلىق كەنتلەردىن باش باھاردىكى باشقىچە بىر سىياھ مەنزىرە رەسىمىنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆردۈم.

3- ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ مەنزىرە رايونىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، بىر چارۋىچى ئاتقا مىنىپ قارلىق تاغلار ئارىسىدىكى يولدا كېتىۋاتماقتا.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ مەنزىرە رايونىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، قارلىق تاغ ئېتىكىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يايلاقتىكى تاش ئادەم.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كەنتى، تاغلار ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ، ئاق، قارا رەڭ گىرەلىشىپ، ئۆزگىچە سىياھ رەسىم تۈسىگە كىرگەنىدى.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كەنتى، قارلىق تاغ ئېتىكىدىكى كىچىك تاغلىق كەنت.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ مەنزىرە رايونى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ئەتراپىدا، يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىدى، يىراقتىكى تاغلار بولسا قار بىلەن قاپلاندى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى