تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش! بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

  بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا-بازار بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائىتى كېۋەز، شۇنداقلا باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىنى ھازىرلىغان. 2022-يىلنىڭ بېشىدا، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ بازار مەبلەغ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باشقۇرۇش قابىللىرى قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، سىياسەت پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى 14 ئۈلگىلىك كەنت باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، سوغۇق ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، بورتالا شەھىرى جۇڭشىن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىنى قۇردى، 19 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنت-ئەترەت ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بەش بېيىش ماھىرى بۇنىڭغا قاتناشتى.

بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش.

  خۇاڭ خەيچاۋ بازار كۆرسەتكەن باشقۇرۇش ماھىرى بولۇپ، يىل بويى گۆش كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇنداقلا گۆش كالىسى بازىرى ۋە كەسىپ تىجارەت ئەندىزىسىنى چۈشىنىدۇ، ھازىر ئۇ باقمىچىلىق بازىسىنىڭ كونكرېت تىجارىتىگە مەسئۇل. شۇ كۈنى باقمىچىلىق بازىسىدا، خۇاڭ خەيچاۋ ئىشچىلار بىلەن كالىلارغا ئوت-چۆپ بېرىش، قوتانلارنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئازادە، يورۇق كالا قوتىنىدىكى گۆش كالىلىرىنىڭ مويلىرى پارقىراق، سېمىز، بەستلىك ئىدى. ئۇ كەسىپ تەرەققىياتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئۆز جايىمىزنىڭ ئاشلىق، شاخ-شۇمبا قاتارلىق بايلىقلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتەلەيمىز، يەنە ئۆز جايىمىزنىڭ كۆممىقوناق بايلىقى، يەم-خەشەك بايلىقى ۋە شاخ-شۇمبا بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەم-خەشەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالايمىز، مېنىڭ گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنىڭ تاۋار نىسبىتى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشەنچىم بار».

图片
گۆش كالىسى باقمىچىلىقى.

كۈرەش فوتوسى

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش مۇسابىقە يولىدا، ياخشى تۈرلەر موتورغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مۇھىم بۇرچ يۈكلەنگەن. نۆۋەتتە، دالتۇ بازىرى تۈرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق «يەم-خەشەك تېرىقچىلىقى-گۆش كالىسى بېقىش-سويۇپ پىششىقلاش» كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ گۆش كالىسى بېقىش ۋە سېتىش ھالقىسىدىكى تېخنىكىسى قالاق ۋە سېتىش يولى راۋان بولماسلىق، ئۈنۈمى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

گۆش كالىسى باقمىچىلىقى.

كۈرەش فوتوسى

    2-ئاينىڭ 13-كۈنى، بورتالا شەھەرلىك جۇڭشىن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىدە، كوپىراتىپ ئەزالىرى توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا تايلاند، ۋېيتنامغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۈزۈملەرنى ئوراپ رەتلىدى، ئۇلار باھار بايرىمىدىن ھازىرغىچە 2500 توننا ئۈزۈم ساتتى. بۇنىڭ بىلەن بورتالا شەھىرىنىڭ دالتۇ بازىرى تۈرنى تۇتقا قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

    بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھازىر بار بولغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنى تىجارەت سۇبيېكتى قىلىپ، ئەتراپتىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، رايون ئەۋزەللىكى، ئۈزۈم بازىسى تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئۈزۈم، مېۋە-كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

    بورتالا شەھىرى دالتۇ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى گۇەن فېيپېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يەرلىك بايلىقلارنى پائال قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بورتالا شەھىرى شيۈ فېڭنۇڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمىسىنى يۆلەپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى ئىنچىكەشتۈرۈپ ئىشلەپ، كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار كۈرەش، ليۇ جىبو)

مەنبە: بورتالا ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.