تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەبلەغ سېلىپ ئورتاق تەرەققىي قىلايلى! مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىش، «كونا داڭلىق» يېمەك-ئىچمەكلەر... ئۈرۈمچىدىكى 50 مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرى سىزنى كۈتمەكتە

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ يۆ) بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، 50 مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى، سىزنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىڭىزنى كۈتمەكتە!

   تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى 2-ئايلانما لىنىيەسى، تىيانشان لۇڭجى ساياھەت-ئىستىراھەت رايونى، تىيانشان خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ئېچىش، «ۋاڭ لوبىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىش» قاتارلىق ياخشى ھەم جەلپ قىلارلىق ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا «كونا داڭلىق» يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنى ماكانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرىگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

   3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتى يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خاۋمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق تۈرلەر، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ زەنجىرى، مەدەنىيەت-ساياھەت سەنئەت نومۇرلىرى ھەم ساياھەت مۇھىم ئامىلىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى چۆرىدەپ سودىگەر چاقىرىدۇ. تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى 2-ئايلانما لىنىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت تۈرلىرى بېيجىڭ، چىڭداۋ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ يۈزتۇرا سودىگەر چاقىرىلىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم كونا زاۋۇت ئۆيلىرى، ئامبار بازىسى قاتارلىق بىكار تۇرۇپ قالغان بايلىقلارنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەت-ئىستىراھەت كوچا رايونى، كېچىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون، مەدەنىيەت كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قاتارلىقلار بەرپا قىلىنىپ، «مەدەنىيەت-ساياھەت + تەنتەربىيە» «مەدەنىيەت-ساياھەت + تەتقىقات-ئۆگىنىش» «ئەدەبىيات-ساياھەت + پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق يۇغۇرما مەھسۇلاتلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىن يولىدا، ئەسلىدىكى كونا زاۋۇت ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان چوۋما 1-نومۇرلۇق مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى ھويلىسىغا تىزىلغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن چوڭ ئايرۇپىلان ساياھەتچىلەر ياقتۇرۇپ داكا قىلىدىغان بەلگە بۇيۇمىغا ئايلاندى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ فوتوسى

   ئۈرۈمچى شەھىرى مول قىشلىق قار-مۇز بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۈرتكە بولۇش يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك بولغان قار-مۇز ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى، ليۇيى كىنو-تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسى تۈرىگە قارىتا، «قايسى تۈردە ئاجىز بولسا، شۇ تۈرنى تولۇقلاش، قايسى تۈر كەم بولسا، شۇ تۈرنى كىرگۈزۈش» بويىچە سودىگەر چاقىردى.

    بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى، جىڭجۈي تىياتىرى قاتارلىق ھازىر بار بولغان مەيدان-ساراي بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش كاپىتالى قىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئويۇنى قويۇش گۇرۇھلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، بىرلىكتە رېپېتىتسىيە قىلىش، بىرلىكتە ئويۇن قويۇش، ھەم ياخشى، ھەم جەلپ قىلارلىق نادىر نومۇرلارنى ئىجاد قىلىش، نۇقتىلىق ھالدا «ۋاڭ لوبىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىر قاتارلىق تۈرلەرگە سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھىرى يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم ئامىلنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى رەتلەپ چىقىپ، سودىگەر چاقىرىشتا نىشان قىلىنغان كارخانىلار تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كونا داڭلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى، دالا قونالغۇ ئورۇنلىرى ۋە ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە نۇقتىدىن نۇقتىغا سودىگەر چاقىرىدۇ.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) يىڭبىن يولى چوۋما 1-نومۇرلۇق مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدا، قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئۆزگىچە ھەم مىللەتلەر ئۆرپ-ئادىتى قويۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن، لولەن مىكاۋ ئاشخانىسى توردا ئالقىشلانغان دۇكانغا ئايلىنىپ، كۈندە خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ فوتوسى

   جاڭ خاۋمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرىگە سودىگەر چاقىرىشتا «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى يولغا قويدى، ھەرقايسى تارماق، رايون(ناھىيە)، مەنزىرە رايونى، ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، باشلامچى كارخانىلار سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كارخانىلار ئارقىلىق كارخانىلارنى جەلپ قىلىدىغان «ئۈزۈم تىزىقى» ئېففېكتىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ ئەگىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «كىرگۈزۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېجىرىش» ھالقىسىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، «بالا باققۇچى شەكلى» ۋە «زاكازلىق» مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.