تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەكتەپ ھويلىلىرى باھار تۈسى بىلەن تولدى

    يېقىندا، چىڭخۇا داشۆ يەنە شاپتۇل چېچەكلىرى بىلەن تولغان گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، بۇ گۈزەل مەنزىرە كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ، چەكسىز ھۇزۇر ئاتا قىلدى.

    باھار زادى قانچىلىك گۈزەل؟ نەنجىڭ داشۆگە كىرىپ مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلانسىڭىز سىز ئىزدىگەن جاۋابقا ئېرىشىسىز.

    بۇ يەردە رەڭگارەڭ چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ.

    فۇدەن داشۆدىكى يۈلەن گۈللىرى جىمجىت پورەكلەپ ئېچىلىپ، باھاردىكى مەكتەپ ھويلىسىغا يېڭىچە تۈس ئاتا قىلدى.

   باھاردىكى لوجياشەن تېغىدا بىر مەيدان كاتتا چېچەك «مەرىكىسى» ھازىرلىنىش ئالدىدا، ۋۇخەن داشۆدىكى بالدۇر ئېچىلىدىغان يىڭخۇا گۈللىرى ئاستا-ئاستا ئېچىلدى.

    جېجياڭ داشۆنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا مېيخۇا گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچتى، ھەممىلا يەر شېئىرىي تۈسكە كىرگەن بولۇپ، دوستلار بىرلىكتە باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

    باھار ئۈمىدكە تولغان پەسىل، نۇرغۇن ساۋاقداش تىلەك تىلەپ يېڭى بىر يىللىق تىرىشچانلىقىنى باشلىدى.

    باش باھاردا، بېيجىڭ داشۆنىڭ دەرسخانىلىرىدا ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە قىلىۋاتقان، كىتاب ئوقۇۋاتقان، دېرىزە سىرتىدا چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل مەنزىرە كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ھويلىسىدا سەيلە قىلسىڭىز، شاخلارغا لىق تولغان چېچەكلەر سىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

    چۇڭچىڭ داشۆنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا نۇرغۇن ساۋاقداش ئارزۇلىرىنى كارتىغا يېزىپ، ئۈمىد دەرىخىگە ئېسىپ قويىدۇ.
يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ، ئۈمىد-ئارزۇلىرىڭىزنىڭ يەردە قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز!

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.