تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون بۇ يىل 400 نۇقتىلىق تۈرنى ئورۇنلاشتۇردى

ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇ يىل جەمئىي 400 نۇقتىلىق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇش ۋاقىت تەرتىپىدىن قارىغاندا، 2023 - يىلى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر 170، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر 90، زاپاس نۇقتىلىق تۈر 140.

سېلىنما مىقدارىدىن قارىغاندا، 2023 - يىلى نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سانى 2022 - يىلىدىكىدىن 30ى كۆپەيگەن، ئومۇمىي سېلىنمىسى 518 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپەيگەن، يىللىق پىلاندىكى سېلىنما 30 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن. يەككە تۈرنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي سېلىنمىسى 2022 - يىلىدىكىدىن 850 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، 6 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە يىللىق پىلان سېلىنمىسى 750 مىليون يۈەن ئىكەن.

«400 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە، سېلىنما كۆلىمى 5 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر جەمئىي 102 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى جاڭ يۇڭلياڭ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايون جەمئىي 51 نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ ئاساسلىقى سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش، سۇ تېجەش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ مىڭقات جىلغىسى، يۇرۇڭقاش، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى ھەم چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىدا داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىغان يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 24 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىدۇ، چىرا دەرياسى كوئېنلۇن سۇچىلىق تۈگۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق توققۇز يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلايدۇ.

نۇقتىلىق قاتناش تۈرى 77 بولۇپ، ئاساسلىقى تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ - ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 - لىنىيە قۇرۇلۇشىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق 37 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىدۇ، لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولى، توقسۇ - باي تۆمۈريولى، G219 لىنىيەسىدىكى ئارىشاڭ - قورغاس تاشيولى قاتارلىق 19 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلايدۇ.

نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرى 85 بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر تورى، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى (تۇرپان - جۇڭۋېي) قاتارلىق 37 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىدۇ، قومۇلنىڭ شىمالى - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 18 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلايدۇ.

نۇقتىلىق كەسىپ تۈرى 103 بولۇپ، ئاساسلىقى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئىقتىساد - سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 5G تور قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 40 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىدۇ، چىڭديەن كىرېمنىي ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىش تۈرى، شىنجاڭ جىسۇن لىتىي كانچىلىقىنىڭ خوتەن يىلىغا 200 مىڭ توننا لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق 23 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلايدۇ.

نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرى 84 بولۇپ، ئاساسلىقى پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، سەھىيە - تەنتەربىيە، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەشقەر داشۆنىڭ شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق 32 داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىدۇ، ئالتاي جىكپۇلىن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نۇقتىلىق تۈرى، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قاتارلىق 21 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلايدۇ.

جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىل نۇقتىلىق تۈرلەردە ئاساسلىقى دىققەت زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە تىرەك سىستېمىسى بەرپا قىلىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تىرەك قىلىنغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مۇھىم، زور ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.