تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش − 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش − 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش − 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تاغ - دەريالار ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل بولۇپ، رەڭگا - رەڭ تۈسكە كىردى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا، ئۈمىدكە تولغان بۇ باھاردا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملاپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، 5000دىن كۆپرەك يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق چاقىرىق قىلدى −

«ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشايلى!»

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىشەنچكە تولۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇقەررەركى، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىدۇ.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، مۇساپىگە ئورتاق ئاتلىنىش − پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇش − تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا يۈرۈش قىلىش؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەش − پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، ياخشى تەدبىر پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش؛ پەيتنى قولدىن بەرمەي، يەنە يېڭى سەھىپە پۈتۈش − ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىساق داغدام يول تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، ئىللىق باھار شامىلىدا قەدەمنى چوڭ ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشىدۇ، شان - شەرەپ كەلتۈرىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.