تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى

(2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى ھەم 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈردى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.