تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەنزىرىسى گۈزەل، ئويۇنلار كۆڭۈللۈك، تائاملار مەززىلىك ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى باشلىنىدۇ

  ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇرپان يىلدا بىر كېلىدىغان ئۆرۈك چېچىكى پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2023- يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى ۋە ئىدىقۇت رايونى ساياھەت- مەدەنىيەت- مەززىلىك تائاملار بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىل تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتىنىڭ ئىدىقۇت رايونى شۆبە مەيدانى يار بازىرىنىڭ شاڭخۇ كەنتىدە قىزغىن باشلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  3- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى شاڭخۇ كەنتىنىڭ ھەممە يېرىدە قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىغا پائال تەييارلىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ياخشى بولغان چېچەك سەيلىسى ساياھىتى كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.  

«ئۈچ گۆھەر» ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى مەنىخان يۈسۈپ ھويلىدىكى گۈللەرنى سۇغارماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ئابلىمىت فوتوسى

  يار بازىرى شاڭخۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سالام مۇتىللا مۇنداق دېدى: «3- ئاي كىرىشى بىلەن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلىدى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىز كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆرۈك دەرىخىنى چاتاش، دەل- دەرەخلەرنىڭ غولىغا ھاك سۈرۈشنى تېز ئورۇنداشقا  پائال تەشكىللىدۇق ۋە سەپەرۋەر قىلدۇق، ئۆرۈك چېچىكى كەنتىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ۋە كەنت يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە سالدۇق، يەنە ئۆرۈك چېچىكى كەنتىنىڭ يول تاختىلىرىنى يېڭىلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تاماشا قىلىشى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق  قىلدۇق».  

كەنت كادىرلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئۆرۈك دەرىخىنى چاتىماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ئابلىمىت فوتوسى

ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت تىجارىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىش رايونىدىكى ياغاچ ئاسما يولنى رېمونت قىلدى، يەنە بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينىنى تازىلىدى. 

سېرك ئۆمىكىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئويۇن قويۇش مەيدانىنى جىددىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ئابلىمىت فوتوسى

  3- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىدىقۇت رايونىنىڭ ساياھەت- مەدەنىيەت مەيدانىدا، سېرك ئۆمىكى ئويۇن قويۇش مەيدانىنى جىددىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇردى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا ئايلانما ياغاچ ئات، كىچىك ئايروپىلان، كىچىك پويىز، قاڭقىما كارىۋات قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلىپ بولۇندى، يەنە يەل قاچىلانغان قەلئە تۈرىمۇ كىچىك دوستلارنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن تەييارلاندى.

  خېنەن ئۆلكىسى جېچېڭ ناھىيەسى خۇانادا سېرك ئۆمىكىنىڭ نەق مەيدان قۇرۇلۇشى مەسئۇلى ۋاڭ يىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز تۇرپان شەھەر ئاھالىلىرىگە ئىنتايىن ئېسىل سېرك نومۇرلىرىنى ئېلىپ كەلدۇق، ھايۋاناتلار ئويۇنى، ئالاھىدە ماھارەتلىك ئايلانما ئۇچار ئاپتوموبىل، يۇقىرى بوشلۇقتىكى خەتەرلىك سېرك ئويۇنى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار بار. ئويۇن  3- ئاينىڭ 15- كۈنى باشلىنىپ، 20 كۈن داۋاملىشىدۇ. 

مەززىلىك تائاملار بايرىمى نەق مەيدانىدا قۇراشتۇرۇلغان چېدىرلار. ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ئابلىمىت فوتوسى

ئىدىقۇت رايونى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرىنى مەززىلىك تائاملار بايرىمى پائالىيەت مەيدانىغا كىرىپ ئورۇنلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. نەق مەيداندا يېمەك- ئىچمەك كۆرگەزمە ئورنىدىن 60ى، قۇرۇق مېۋە- چېۋە كۆرگەزمە ئورنىدىن 20سى، ئاياللار ئىلمە توقۇلما كەشتە ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ياشلار ئىگىلىك تىكلەش تاۋارلىرى كۆرگەزمە ئورنىدىن 30ى، كىيىم- كېچەك كۆرگەزمە ئورنىدىن بەشى، كۆڭۈل ئېچىش كۆرگەزمە ئورنىدىن ئونى، سېرك مەيدانىدىن بىرى تەسىس قىلىندى. 

ئىگىلىنىشىچە، ئىدىقۇت رايونى ئەڭ گۈزەل قىياپەت، ئەڭ ياخشى ئوبراز بىلەن ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ تەييارلىق لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇغۇرما كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىلىق، چېچەك سەيلىسى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىللىق ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنى تىرىشىپ خاسلىققا ئىگە قىلىپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ئابلىمىت)

مەنبە: ئىدىقۇت رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.