تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ماسكا تاقاش توغرىسىدا، ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  3- ئاينىڭ 13- كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىدارىسى بىرلىكتە «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى(7- نۇسخىسى)نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن ماسكا تاقاشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلماسلىقىنى؛ بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىدىكى بالىلار يەسلىدىكى مەزگىلىدە ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن يەسلىدىكى مەزگىلىدە ماسكا تاقاشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلماسلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەيدان ئەھۋالى، كىشىلەر توپى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئىلمىي ماسكا تاقاش كېرەك. ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ماسكا تاقاش مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن ماسكا تاقاش- تاقىماسلىقنى تاللىسا بولىدۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى داۋالاش، يېمەك- ئىچمەك، ياتاق باشقۇرۇش، تېز يەتكۈزۈش، ئامانلىق ساقلاش، تازىلىق قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل خىزمەتچىلەر ئىش ئورۇنلىرىغا چىققاندا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى تاقىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەردە قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، گېلى ئاغرىش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئانتىگېن ياكى خېسۇەن تەكشۈرۈشىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇش، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئەگەر مۇسبەت بولسا، ۋاقتىنچە ئۆيدە ياكى ئالىي مەكتەپ ساغلاملىق پونكىتىدا كېسەلگە قاراپ داۋالىنىش، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە داۋالىنىش، كېسەل تۇرۇپ خىزمەت قىلماسلىقى ياكى ئۆگىنىش قىلماسلىقى كېرەك؛ ئەگەر مەنپىي بولسا، مەكتەپتىكى مەزگىلىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى تاكى كېسەللىك ئالامىتى تۈگىگىچە تاقىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلىرى بويىچە ئىلمىي ماسكا تاقىشى كېرەك. ئەگەر شۇ جايدا يۇقۇم تارقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ماسكا تاقاشتەك ئالدىنى ئېلىش-  تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.