كونا ساۋەن بازىرىدىكى بۇغداي ئېتىزىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلات قىلدى
مۇھەررىر:
克丽比努尔·艾孜木
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2023/03/16 16:22
ھازىر، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرىدىكى كۈزگى بۇغدايلارنى قوشۇمچە ئوغۇتلاشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. يېقىندا، ساۋەن شەھىرى كونا ساۋەن بازىرىدىكى كۈزگى بۇغداي ئېتىزىدا ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى لىق ئوغۇت قاچىلاپ بۇغدايلىق ئاسمىنىدا ئۆتۈشۈپ يۈرۈپ مەشغۇلات قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن شەھىرى ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق كۆپ خىل يېزا ئىگىلىك ئىلغار تېخنىكىسىنى كەڭ قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋوتۇخ بايىر)
دېھقان بىلەن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىغا ئوغۇت قاچىلىماقتا.

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى باشقۇرماقتا. ھازىر، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى بارغانسېرى دېھقانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، شۇ جايدىكى نۇرغۇن دېھقان ئالاقىدار تەربىيەلەشلەر ئارقىلىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتى قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر :
ھەلىمە قۇربان
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.