تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى مۇشۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 11دە، شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانىنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ 2023-يىللىق قۇرۇلۇشىدا ئىش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 11دە، شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇمىنىڭ 2023-يىللىق قۇرۇلۇشىدا ئىش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن فوتوسى

    شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى ئاپتونوم رايون، دۆلەت خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇم دۆلەت ئىچى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى قىلىپ بېكىتىلگەن، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 714 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، سانجى ئوبلاستىدىكى تۇنجى پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىقى گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى مەنزىرە رايونلىرى ۋە ئەتراپتىكى ساياھەت، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، سودا پائالىيەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئاۋىياتسىيەدە ئاممىباب ئىشلىتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

    ئومۇمىي يىرىك پىلانغا ئاساسەن، بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ يېقىن، ئۇزاق مەزگىللىك پىلاندىكى ئۇچۇش رايونى كۆرسەتكۈچى بىردەك 4C بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللىك پىلاندا 2035-يىلى نىشان يىل قىلىنىپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يىللىق يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1500 توننىغا، يىللىق ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش مىقدارىنى 7292 ئايروپىلان قېتىمغا يەتكۈزۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش بويىچە پىلانلانغان. ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندا 2050-يىلى نىشان يىل قىلىنغان بولۇپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارىنى 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يىللىق يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىنى 4600 توننىغا، يىللىق ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش مىقدارىنى 18 مىڭ ئايروپىلان قېتىمغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 470 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يىللىق يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1000 توننا، يىللىق ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى 5200 ئايروپىلان قېتىم بولۇش نىشانى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

    2022-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى ئۇچۇش رايونى، ئايروپىلان كۈتۈش رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىش رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى: ئۇزۇنلۇقى 2800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان بىر ئۇچۇش-قونۇش يولى، 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسى، C تۈرىدىكى ئايروپىلان ئورنىلىق يەتتە بېكەت سۇپىسى، بىرقوماندانلىق مۇنارى ۋە 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى ھەم يانداش قۇرۇلۇش قۇرۇق تۇرۇبىسى، ماي بىلەن تەمىنلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش-قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇ يىلى 6-ئايدا بۇ ئايرودۇرۇم شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) پۇقراۋى ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇمىغا ئۆزگەرتىلدى.

    2022-يىلى، ھەرقايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسى، ئۇچۇش-قونۇش يولى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

    بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق پۇقراۋى ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.