تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەردىن قىرغىزىستانغا قاتنايدىغان خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى ئەسلىگە كەلدى

   3-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەردىن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەككە قاتنايدىغان خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى رەسمىي ئەسلىگە كەلدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 22:00 ئەتراپىدا، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيانقى قەشقەر شەھىرىدىن بېشكەككە قاتنايدىغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى قەشقەر خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىگە قايتىپ كەلدى، يولۇچىلار قەلبىدىكى ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.

  يولۇچى جاڭ شياشىن مۇنداق دېدى: «نەچچە يىل قايتماي ئۆينى بەك سېغىنغانىدىم، بۇ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ قاتنىشى ئۆيگە قايتىش يولۇمنى قولايلاشتۇردى، بەك خۇش بولدۇم».

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتچى لىنىيەنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 780 كىلومېتىر، يۈرۈش ۋاقتى 16~12 سائەت بولۇپ، ئاپتوبۇس شىنجاڭ تورغات پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ چىقىدىكەن، يەككە مۇساپىلىك بېلەت باھاسى 595 يۈەن ئىكەن، قەرەللىك خەلقئارا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدىكەن. قەشقەر شەھىرىدىن ھەر دۈشەنبە يولغا چىقىپ، سەيشەنبە يېتىپ بارىدىكەن، ھەر چارشەنبە بېشكەكتىن يولغا چىقىپ، پەيشەنبە قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كېلىدىكەن.

   خۇبېيدىن كەلگەن خۇاڭ چىشېڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل قىرغىزىستاندا سودا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە كېلىپ، ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغان يۇرتىغا قايتىشقا، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشقا تەقەززا بولدى.

   خۇاڭ چىشېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بىزگە زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى، ئائىلەمدىكىلەرنى بەك سېغىندىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەتەننىڭ بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم، بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار».

   قەشقەر ۋىلايەتلىك يولۇچى توشۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىخەتەرلىك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خې تيەنۋېن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە شىركەت قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى بىلەن قەشقەردىن ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىغا بارىدىغان خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشى توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ.

 

  قەشقەر ۋىلايەتلىك يولۇچى توشۇش باش پونكىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قەشقەر شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دۇڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتچى ئاپتوبۇس كېيىنكى مەزگىلدە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆپەيتىلىپ ھەپتىدە ئىككى قېتىم قاتنايدۇ، يولۇچىلار سەپەرگە چىققاندا ۋىزا ۋە ساغلاملىق كىنىشكىسىنى ياخشى بېجىرىپ، سەپەرگە چىقىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.