تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

4 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەقسىز ئۆگىنىدۇ! شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى ياشلار، ئۆسمۈرلەر گۈزەللىك تەربىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا، ئايجامال مۇئەللىم ئۆسمۈر-بالىلار مىللىيچە ئۇسسۇلى دەرسى ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىن)  بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى باشلىدى، 4 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھەقسىز تىزىملىتىپ ئۆگەنسە بولىدۇ.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا، كۇڭ لىڭياۋ مۇئەللىم ئۆسمۈرلەر-بالىلار جۇڭگوچە رەسىم كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

  شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى جوۋ ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىمىز ئەسلىدىكى چوڭلارنى تەربىيەلەش ئاساسىدا، <سەنئەت ئىشىكىدىن كىرىش> ياشلار، ئۆسمۈرلەر گۈزەللىك تەربىيەسى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەربىيەلەش كۇرسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق. ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە 18 ئۆگىنىش كۇرسى ئاچتۇق، ئاساسلىقى رەسىم، ئۇسسۇل، ناخشا، نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى قاتارلىقلار بار. ھەر بىر ئۆگىنىش كۇرسى سەككىز دەرس سائىتى بويىچە لايىھەلەندى. 4 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۆگىنىش تۈرىنى ئالدىن كېلىشىپ تاللىسا بولىدۇ».

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا، جىن يۈرۇ مۇئەللىم چوڭلار كىنو-تېلېۋىزىيە، تىياتىر ئورۇنلاش كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا، كىچىك كۇرسانتلار نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتى دەرسىگە قاتناشماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

3- ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىدا، كۇرسانتلار ئۇسسۇل مەشىق قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شىنجۈن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.