قارا لازا
2-ئاينىڭ 25-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بەييۈ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكىدا، قاتار-قاتار قارا لازا مايسىلىرى رەتلىك ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ لازا مايسىلىرى 2022-يىلى 10-ئايدا شەندۇڭدىن سېتىۋېلىنىپ، يېڭىساردا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان.



سىز قىزىل مېغىزلىق ياڭاقنى يەپ باققانمۇ؟ ئادەتتىكى ياڭاقلارغا سېلىشتۇرغاندا، مېغىزىنىڭ رەڭگى قىزىل، بۇ ياڭاقنىڭ تەركىبىدە رەڭلىك گلوكوزىد بىلەن ئېللاگىك كىسلاتا مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.
2022-يىلى 9-ئايدا توققۇزتارا ناھىيەسى 600 تۈپ قىزىل مېغىزلىق ياڭاقتىن تۇنجى قېتىم مول ھوسۇل ئالدى. بۇ ياڭاقلار ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلدى.
«كىچىك سەنيا»دىكى شياڭجياۋ
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى بازىرىدا شۇ جايدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «كىچىك سەنيا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياخشى جاي بار، بۇ يەر ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك نام چىقارغان.
خېيلوخەن شوخلىسى
جاڭ چاۋ فوتوسى
پارنىكتا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش
1-ئاينىڭ 30-كۈنى، پىدائىي بىلەن تېرىقچى ئاھالە كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدىكى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئورگانىك ساۋمېينى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتماقتا. بۇ يىل بۇ بازار يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساۋمېي، بەيشياڭگو، خولۇڭگو ئۆستۈرۈش قاتارلىق خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستىراھەت-سەيلە-ساياھەت يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلدى.
پارنىكتا بېلىق بېقىش
يېقىندا، ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىدىكى بېلىجان يېتىشتۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكى رايونىدا، بېلىجانلار ناھايىتى ياخشى بېقىلىۋاتقان بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى. ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىنىڭ مەسئۇلى جاڭ تاۋ بۇ يىل يېڭى ئۈسكۈنە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ئىچكى ئايلانما سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ، پارنىكتا بېلىق بېقىپ، بېلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە سۇ بايلىقىنى تېجەپ قالدى. جاڭ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر كۇب مېتىر سۇدا ئاز دېگەندە 40 كىلوگىرام بېلىق باققىلى بولىدىكەن، مەھسۇلات مىقدارى ئەنئەنىۋى باقمىچىلىقتىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشىدىكەن ھەمدە قالدۇق سۇدىن قايتا پايدىلىنىش ئارقىلىق، بىر يىلدا ئىككى تۈركۈم بېلىق باققىلى بولىدىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، «ئانار بۇلۇت»