تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا توشۇپ كېلىندى   پىلان بويىچە بۇ يىل 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ

  جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلانغان. نۆۋەتتە، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بىرلەشمە گەۋدىسى ئوربىتىدا مۇقىم ئايلىنىۋاتقان شېنجوۋ 15-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، پىلان بويىچە بۇ يىل 6-ئايدا يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىدىكەن. ھازىر، قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن.

  2023-يىلى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى، شېنجوۋ 16-نومۇرلۇق، شېنجوۋ 17-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشكە تەشكىللىنىدۇ، بۇ, جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى. نۆۋەتتە، تيەنجوۋ 6-نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرى تاماملىنىپ، ئالەم كېمىسى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا توشۇپ كېلىندى، پىلان بويىچە بۇ يىل 5-ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىككى قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تاللىنىپ بېكىتىلدى، ھازىر ۋەزىپە مەشىقى قىلىۋاتىدۇ.

  دۆلىتىمىز تىنچ پايدىلىنىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقاردى. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشقى بوشلۇق مەھكىمىسى بىرلىكتە تاللىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەجرىبە تۈرى بۇ يىلدىن باشلاپ داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا تەجرىبە تەتقىقاتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، قۇرۇلۇشمۇ ئاي شارىنى ئادەملىك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا، نۆۋەتتە ئاي شارىنى ئادەملىك تەكشۈرۈش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە لايىھەنى چوڭقۇر دەلىللەش تاماملاندى، بۇ يىل ئايغا چىقىش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ.

(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ گاڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.