ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) «قىرغىزىستان ساياھەت جەمئىيىتى بىزگە ئون ساياھەت كارخانىسىنىڭ 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى». 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋيۈ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ۋە 4-نۆۋەتلىك باھار يەرمەنكىسى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل مەنزىرىسى. ( ماتېرىيال سۈرەت)
يېقىندا، شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى قىرغىزىستان ساياھەت جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، ھەمدە قىرغىزىستان ساياھەت كارخانىلىرىنى تەكلىپ قىلدى. «بىزنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ساياھەت بازىرىغا ئىشەنچىمىز بار، نۆۋەتتە ئون ساياھەت كارخانىسى شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بېكىتتى». قىرغىزىستان ساياھەت جەمىئيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما يا شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتىگە قىرغىزىستاندىكى ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ئىسسىق كۆلنىڭ سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق ساياھەت رايونى ۋە دەم ئېلىپ داۋالىنىش رايونى ھېسابلىنىدۇ؛ قاراكۆل پىيادە ساياھەت قىلىش، دالىدا قونۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ماكانى؛ ئوشتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قايناق دالا بازىرى بار بولۇپ، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى توپلاشقان جاي. «بىز جۇڭگونىڭ ساياھەت كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ما يا.