تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى 231 مىليون گېكتارغا يەتتى

  

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يەن فۇجىڭ) 3-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 45-قېتىملىق كۆچەت تىكىش بايرىمى. مەملىكەتلىك كۆكەرتىش كومىتېتى ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان «2022-يىللىق جۇڭگو دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ئەھۋالى ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى 231 مىليون گېكتار بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %24.02كە يەتكەن؛ ئوتلاق كۆلىمى 265 مىليون گېكتار بولۇپ، ئوتلاقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %50.32كە يەتكەن.

  ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي كۆكەرتىش ئىشلىرى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغان. 2022-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 3 مىليون 830 مىڭ گېكتار يەردە ئورمان بىنا قىلىنغان، 3 مىليون 214 مىڭ گېكتار يەرگە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈلۈپ تۇپراق ياخشىلانغان، 1 مىليون 847 مىڭ 300 گېكتار قۇملاشقان، شېغىللاشقان يەر تۈزەلگەن، «ئالاقە تورى + ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش» بويىچە تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش پائالىيىتىدىن 262سى ئېلان قىلىنغان.

  شەھەر-يېزىلارنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆكەرتىلىش سۈپىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلگەن. 26 شەھەرگە «دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرى» دەپ نام بېرىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرىنىڭ سانى 218 گە يەتكەن. 100دىن ئارتۇق شەھەردە دۆلەت باغ-ئورمان شەھىرى قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلغان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئەپچىل باغچە»دىن 3520سى قۇرۇلغان. پۈتۈن يىلدا تاشيولنى كۆكەرتىش مۇساپىسىنى 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشتۇرۇش تاماملىنىپ، تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى %87.32كە يەتكەن.

  ئاخباراتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، پۇقرالىرى باي بولۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى 1 مىليون 200 مىڭ نەپەرگە يېقىنلاشقان؛ پۈتۈن يىللىق ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش نىسبىتى سىجىل تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن ئورۇننى ساقلىغان؛ 13 مىليون 846 مىڭ گېكتار يەردە ئوتلاققا زىيان سالىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش تاماملانغان. پۈتۈن يىلدا باغ-ئورمان كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 8 تىرىليون 370 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ پۈتۈن يىلدا 133 مىڭ 300 گېكتار يەرگە ياغلىق كامىللىيە دەرىخى ئۆستۈرۈش، 266 مىڭ 700 گېكتار يەرنى ياخشىلاش تاماملانغان، ياغلىق كامىللىيەنىڭ يىللىق ھوسۇلىنىڭ بىر مىليون توننىدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.