ئۆتكەن ھەپتىدە تەنتەربىيە ساھەسىدە قانداق يېڭىلىقلار بولغاندۇ، بىرلىكتە نەزەر سېلىپ باقايلى!
● 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، 41-نۆۋەتلىك U20 ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى D گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوماندىسى كوماندىدىكى شىنجاڭلىق ئىككى كىچىك ماھىرنىڭ ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇشىغا تايىنىپ، نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىنى يەڭدى، بۇنىڭ بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈمىدى زور دەرىجىدە ئاشتى.

● 2023-يىللىق ئاياللار ئاسىيا لوڭقىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ۋە خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى يېقىندا دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى بىر قارار يىغىپ مەشىق قىلدۇرىدىغان ئەزالار(27كىشى) تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە يېتەكچى ئىلگىرىكى ياۋ مىڭدىن ۋاڭ فاڭغا ئۆزگەرگەن.

● بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى تورىدا، 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەر-ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر بېكىتى جۇڭگودا بولىدۇ، دېگەن خەۋەر ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 16-كۈندىن 24-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولىدۇ.

● مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى جىلىن دۇڭبېيخۇ ۋاسكېتبول كۇلۇبىدىن ئىگىلىشىچە، جىلىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى CBA شىركىتىگە ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، باش تىرېنېرنى ئالماشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، «90-يىللاردا تۇغۇلغان» تىرېنېر گاۋ جۈنچاۋ سۈي ۋەنجۈننىڭ ئورنىغا جىلىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان.

● 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ياپونىيەنىڭ دۇڭجىڭ جۈدەن تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك دۇنيا كالتەك توپ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى سەككىزگە قارشى بىر بىلەن ئىككى نۆۋەتلىك چېمپىيون ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

● 2023-يىللىق قىسقا يولدا تېز تېيىلىش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كورېيىنىڭ سېئۇل شەھىرىدە باشلاندى، جۇڭگو ماھىرلىرى تۇنجى كۈندىكى ئالتە يەككە تۈر مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە كېيىنكى باسقۇچلۇك مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىرىپ، كېلەر يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى بارلىق يەككە تۈرنىڭ ھەر بىر تۈرىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئىككى ساننى ئوڭۇشلۇق ئالدى. كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش تۈرىدە، جۇڭگو ئەرلەر كوماندىسى بىلەن ئارىلاشما كوللېكتىپ كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
● 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاياغلاشقان كورېيە سېئۇل قىسقا يولدا تېز تېيىلىش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئەرلەرنىڭ 5000 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى