تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لايىھەدە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ياشانغانلار خىزمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كۆزدە تۇتۇلدى. بۇ ئىسلاھات «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۇزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئۈستقۇرۇلما يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، تېخىمۇ تۇراقلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى.

ئاپپارات ئىسلاھاتى بىر جەريان بولۇپ، بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدا نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن، قاراتمىلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، سالمىقى بىرقەدەر زور، چېتىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ، چېتىلىدىغان مەنپەئەت بىرقەدەر چوڭقۇر، مۇھىم، زور ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى كۈچەپ ھەل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى دەل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا دۇچ كەلمەكتە، بۇ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىنىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش يۆنىلىش قىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ تەڭشەش، جۇڭگو خەلق بانكىسى شۆبە تارماق ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ياشانغانلار خىزمىتى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ تەڭشەش، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملار ئىشتاتىنى ئىخچاملاش قاتارلىق 13 جەھەتتە مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، بۇ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيە تەقسىملەش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، جەزمەن ئىسلاھاتتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاپپارات، مەسئۇلىيەت، خادىملار قاتارلىقلارنى تەلەپ بويىچە ۋاقتىدا، جايىدا تەڭشەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدىيەدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمەسلىك، خىزمەت ئۈزۈلۈپ قالماسلىق، قوشۇن چېچىلىپ كەتمەسلىك، غەيرەت سۇسلىشىپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىسلاھات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.