تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

1-تۈركۈم! ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، سىز داكا قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، قېزىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، «تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى، داڭلىق بازىرى، داڭلىق كەنتىنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەرلىرى، كوچا رايونلىرى ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى كوزىچى ياربېشى قاتارلىق توققۇز تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قىلىپ تەستىقلىدى.

2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرى تىزىملىكى

(1-تۈركۈم)

قەشقەر شەھىرى كوزىچى ياربېشى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

قەشقەر شەھىرى چاسا-ياۋاغ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

خوتەن شەھىرى تۇەنچېڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

چۆچەك شەھىرى مەنچېڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

چۆچەك شەھىرى قارادۆڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

باركۆل ناھىيەسى خەنچېڭ جەنۇبىي كوچىسى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

باركۆل ناھىيەسى مەنچېڭ 11-كوچىسى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

باركۆل ناھىيەسى دىزاڭ بۇتخانىسى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، يېڭىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ نۇرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، يېڭى شەھىرى ۋە يىراقتىكى قارلىق تاغلارنى جۇلالاندۇردى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  ئىگىلىنىشىچە، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان، ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالاھىدە مول، تارىخىي ئىمارەتلەر مەركەزلەشكەن، تۇتاش كەتكەن، ئەنئەنىۋى ئەندىزە ۋە تارىخىي قىياپەتنى بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان ھەمدە بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە رايوننى كۆرسىتىدىكەن.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە «ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى جايلاشقان ئورۇندىكى ناھىيە(شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تۈزۈم، مېخانىزم، سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوغداش، پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەستىقلاش ۋە يولغا قويۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى تاغارچى كوچىسىدىكى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بارىدىغان جاي  «ھەسەن-ھۈسەن كوچىسى» نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

بالىلار خوتەن شەھىرىنىڭ تۇەنچېڭدىكى كەپتەر كوچىسىدا ئوينىماقتا. (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان).

سۈرەت مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن شەھىرىنىڭ تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلغاچ سۈرەتكە تارتماقتا.

جېن لىمىن فوتوسى

مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى، ئانار بۇلۇت

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.