تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بىنا ئۆگزىسىدىن چۈشكەن مۇز ئاپتوموبىلغا چۈشۈپ كەتسە تۆلەمنى قانداق تۆلىتىش كېرەك؟ ئۈرۈمچىدىكى سوتچى توردا سىزگە قانداق ھەل قىلىشنى ئۆگىتىدۇ

   يېقىندا، ئاز بولمىغان تورداش بىنا ئۆگزىسىدىن چۈشكەن مۇز شەخسىي ئاپتوموبىللارنى بۇزۇۋېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي ماجىرانى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى (دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى)نىڭ سوتچىسى ۋېڭ لىچېن قانۇننى تەھلىل قىلىپ، ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش بەردى.

   سوئال

   يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)دىكى مەلۇم بىر ئاھالە: «بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشكەن مۇز بىنانىڭ ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلىمنىڭ شامال توسۇش ئەينىكىنى چېقىۋەتتى، 1250 يۈەنگە رېمونت قىلدىم، خوجىلىق دىرېكتورى بىلەن كېڭەشتىم، ئۇلار مۇز چۈشۈپ كېتىشكە دىققەت قىلىش ئەسكەرتمىسىنى چاپلاپ قويغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۆلەم بەرمىدى، ھېچقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىدى، مۇز چۈشىدىغان جايدا ھېچقانداق توسالغۇ قويۇلمىغان، ھېچقانداق خوجىلىق خادىمى ماڭا ئەسكەرتىش تېلېفونى ئۇرۇپ باقمىغان، ئۇلار پەقەت پۇل يىغىش بىلەنلا بولۇپ، ئىش چىقسا، جاۋابكارلىقتىن قاچتى.»

   جاۋاب

   ۋېڭ لىچېن: «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 942-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن: «خوجىلىق مۇلازىمەتچىسى پۈتۈشكىنى ۋە خوجىلىق ئىشلىتىش خاراكتېرىگە ئاساسەن، خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىگە ئورتاق قىسىمنى مۇۋاپىق رېمونت قىلىشى، ئاسرىشى، تازىلىشى، كۆكەرتىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك، خوجىلىق مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئاساسىي تەرتىپىنى قوغداپ، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.»

   شۇڭا، بىنا ئۆگزىسىدىن چۈشكەن مۇزغا قارىتا، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرى قوللىنىپ، ۋاقتىدا تازىلاپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك، زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغانلار، بىخەتەرلىك كاپالەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، باشقىلارنىڭ مال -مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   ئەگەر خوجىلىق مۇلازىمەت شىركىتى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى چاپلىغان، مۇز چۈشكەن ئورۇن ئېنىق ھالدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قىلىپ سىزىلغان رايونغا تەۋە بولمىسا، ئۆي ئىگىسى ياكى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىدىمۇ مەلۇم خاتالىق بولسا، خاتالىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، خوجىلىق مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىشكە بولىدۇ. (مۇخبىر شياڭ ياچى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.