تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ مىمى، مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇ ئورۇنلاشتۇرمىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، ھەربىي كومىتېت پەن - تېخنىكا كومىتېتىدىن كەلگەن ۋەكىل ليۇ زېجىن، ھەربىي كومىتېت قورال - ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمىدىن كەلگەن ۋەكىل راۋ ۋېنمىن، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋاڭ خۇڭيۈ، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىدىن كەلگەن ۋەكىل تاڭ لىنخۇي، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋەن جىنياڭ، دېڭىز ئارمىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋاڭ يارۇ تەرتىپ بويىچە سۆز قىلىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش قۇرۇلۇشى، دۆلەت زاپاس ساقلاش قۇرۇلۇشى، چېگرا - دېڭىز مۇداپىئەسى خىزمىتى، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ ھەربىر ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، پات - پات ئۇلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئالتە ۋەكىل سۆز قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتنى قوغداش، ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى سىستېمىلىق ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ ھېسابات، ئۇنىۋېرسال ھېسابات، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىشلىتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت زاپىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك. بۇ يىللاردا، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كۆپلىگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەركىم ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولىدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل يەنئەن قوش ھىمايە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 80 يىللىقى. ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى گۈللەندۈرىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوغدايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.