ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ ئاسىيا كىندىكى گېزىتى مۇخبىرى ليۇ خۇيجۇەن
«قاراڭلار، بىزنىڭ شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا.» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ئەزا دىلنار ئابلا بىر باغلام «بالىلار سىزغان شىنجاڭ» ئەسىرىنى ئېلىپ چىقىپ، دەي بىن، لياۋ چاڭيۇڭ، خو جيەنچى، جىن دۇڭ قاتارلىق ئەزالارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە باھا بەردى، ئالقىشلىدى، مۇنازىرە نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا قىزىپ كەتتى.
ئېتىزدا پاختىلار خۇددى ئۆركەشلەۋاتقان ئاق رەڭلىك دولقۇنغا ئوخشايتتى؛ تاغ بىلەن ئورمان ئارىسىدىكى كان ئازگاللىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىدى؛ گىمناستىكا مەيدانىدا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بايرامنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتاتتى؛ دەريا بويىدا سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇملۇقنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرغانىدى؛ ئالەم بوشلۇقىدا ھەر خىل ئالەم ئايروپىلانلىرى ئەركىن سەيلە قىلىۋاتاتتى... ئەزا دىلنارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ھەرقايسى سەنئەتكارلار، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىمۇ بالىلار سىزغان رەسىمىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، ئۆزىنى خۇددى ۋەتەننىڭ غەربىي شىمالىدا تۇرۇۋاتقاندەك، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا كېزىپ يۈرگەندەك ھېس قىلدى.
«شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى ئەمگەك بەك كۆڭۈللۈك ئىكەن.» ئەزا جىن دۇڭ بالىلار سىزغان رەسىم «كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىشىشى . مول ھوسۇل ئېلىش»نى قولىغا ئېلىپ: رەسىمدىكى ھەر بىر ئادەم شۇنچىلىك خۇشال كۈلۈپتۇ، ئۇنىڭدا بالىلارچە قىزىقىش، چەكسىز بەخت ئىپادىلىنىپتۇ، دېدى. دىلنار بۇ رەسىمنى جىن دۇڭغا سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭ ئارتىسلىق تونۇلۇش دەرىجىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ چېگرا رايون ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭدىن بېيجىڭغا ئۇچۇپ بارغان بۇ بالىلار رەسىملىرى «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىنىڭ «بالىلار سىزغان شىنجاڭ» پائالىيىتىدە توپلانغان بىر قىسىم رەسىم ئەسەرلىرىنىڭ ساۋمياۋ قىلىنىپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئىدى.
ئەزالار قارلىق تاغ، ئوتلاق، چۆللۈكتىكى بوستانلىق، ئىتتىپاقلىق كۈيى، گاۋتيې، ئايروپىلان، مول ھوسۇل شادلىقى، ئېچىش، ئېچىۋېتىش تەسۋىرلەنگەن ھەربىر بالىلار رەسىمىنى قولدىن-قولغا ئېلىپ كۆردى.
«بىر پارچە رەسىمدىن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلاشقانلىقىنى كۆردۈم»
«شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش بويىچە لىق يۈك بېسىلغان پويىزلار قاتناۋېتىپتۇ، بۇ كىچىك رەسساملار <بىر بەلباغ، بىر يول> بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بىر ئەۋلاد»
«ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقان كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋېتىپتۇ، نېمىدېگەن گۈزەل، مېنىڭمۇ رەسىم ئىچىگە كىرىپ ئۇلار بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغۇم كەلدى»
...
بالىلار رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئەزالار توختىماي سۆزلەپ كەتتى، بەزىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلىسە، بەزىلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. پاراڭ تېمىسى شىنجاڭ توغرىسىدا بولدى، بالىلار توغرىسىدا بولدى، كەلگۈسى توغرىسىدا بولدى.
«قالتىس بوپتۇ.» ھەربىر پارچە رەسىمنى ئەستايىدىل كۆرگەندىن كېيىن، ئەزا خو جيەنچى باش بارمىقىنى چىقىرىپ تەسەۋۋۇرغا، ئىجادچانلىققا باي شىنجاڭلىق ئۆسمۈرلەر، بالىلارنى ئالقىشلىدى، «شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».
ئەزا دەي بىن دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مۇتەخەسسىسى، ئۇ دەرھال ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، «بالىلار سىزغان شىنجاڭ»نى تونۇشتۇردى. «بولۇپمۇ نارات سىزىلغان ئاشۇ بىر پارچە رەسىمنى ياقتۇردۇم، ئۇنىڭدا ساپ ھەم سەمىمىي ھېسسىيات ئىپادىلىنىپتۇ.» دەي بىن مۇنداق دېدى: «بۇ، مەن كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان شىنجاڭ مەنزىرىسى، شۇنداقلا ئاڭلاشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان مەدەنىيەت-ساياھەت ئاۋازى».
«بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى. بۇ رەسىملەردە ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى سىزىپ چىقىلغان» دېدى دىلنار.
گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئاياغلاشتى، ئەمما ئەزالارنىڭ «بالىلار سىزغان شىنجاڭ»نى چۆرىدەپ قىلغان مۇزاكىرىسى يەنىلا قىزغىن داۋاملاشتى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى چۆرىدەپ قىلغان مۇزاكىرە ئەمدىلا باشلانغانىدى.
يۇقىرىقى بالىلار رەسىمىنىڭ ھەممىسى «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى «بالىلار سىزغان شىنجاڭ» سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى