تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ساقلىۋېلىڭ! پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى بېجىرگەندە، بۇ مەسىلىلەر ناھايىتى مۇھىم (2)

  سوئال: پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ ئىككىلىك كودى نورمال كۆرۈندى، لېكىن ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش توسۇقىدىن ئۆتكىلى بولمىدى؟

  پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى ئىككىلىك كودىنى ئىشلىتىش بېتىدە، ئىككىلىك كود 60 سېكۇنتتا بىر قېتىم ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدۇ، تور سەۋەبلىك ئىككىلىك كود ۋاقتىدا يېڭىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق چاغدا ئىككىلىك كودنىڭ ئاستىدىكى «يېڭىلاش» دېگەن خەتنى چېكىڭ.

  سوئال: پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ ئىككىلىك كودىنى ئىشلىتىش بېتىدە مەلۇم ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا ئىسپاتلاش ئەسكەرتىلىدۇ؟

图片

  باشقىلارنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ ئىككىلىك كودىنى ئىشلىتىش بېتىدە 30 مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن، ئابۇنىچى قايتىدىن ھەقىقىي ئادەمنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ئۆزى مەشغۇلاتنى بېكىتىشى كېرەك. پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە، بۇ مەشغۇلات ئىلتىماس قىلىش قېتىم سانىنى ئىگىلىمەيدۇ.

  سوئال: ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، قانداق ئەھۋالدا ئىشلەتكەندە يەنە ھەقىقىي ئادەمنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ؟

  ئىلتىماس مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، رويخەتكە ئالدۇرمىغان ئابۇنىچى ئىككىلىك كود ئىشلىتىش بېتىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرگەندە يەنە بىر قېتىم ھەقىقىي ئادەمنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشى كېرەك؛ رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچى تىزىملىتىشتىن چېكىنىپ چىقىپ، سىغىم ساقلىغۇچنى تازىلىغاندىن كېيىن، قايتا تەكشۈرگەندە يەنە بىر قېتىم ھەقىقىي ئادەمنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

  سوئال: قېتىم ھېسابلاش بېلىتى ياكى قەرەللىك بېلەت سېتىۋېلىپ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندا، پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقسا بولامدۇ؟

  ئەلۋەتتە بولىدۇ.

  سوئال: مەن باشقىلارنىڭ يان تېلېفونىدا پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى بېجىرسەم بولامدۇ؟

图片

  بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، كىملىك نومۇرىنى توغرا كىرگۈزسىلا بېجىرگىلى بولىدۇ.

  سوئال: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ؟

  جۇڭگو ئاھالىسى كىملىكى بېجىرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  سوئال: پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى قايسى ھالقىلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟

  ھازىر ئېلېكتىرونلۇق يولۇچى بېلىتى يولغا قويۇشنى قاپلىغان بارلىق ۋوگزاللاردا، پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى ۋوگزال كۆزنىكىدە بېلەت سېتىۋالغىلى، قايتۇرغىلى، ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئاپتوماتسىز ئېغىزىدا/ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش توسۇقىدا، بېكەتكە كىرىپ- چىقىش بېلەت تەكشۈرۈش ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش توسۇقىدا، پويىزدا بېلەت تەكشۈرۈشتە بىردەك ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

  پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى قانداق ئىلتىماس قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ؟

  سەمىمىي ئەسكەرتىش

  پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا، ئۆزىڭىزگە چوقۇم يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇپ قويۇڭ، بۇ سىزنى سەپەرگە كېچىكتۈرۈشتىن ساقلايدۇ.

  پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

  (تۈگىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.