تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

6-قېتىملىق خەلقئارا HPV ۋىرۇسىنى بىلىش كۈنى شىنجاڭ دوختۇرلىرى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مۇنداق ئەسكەرتتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ يۆ) «بالىياتقۇ بوينى راكى نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان راك كېسىلى. HPV ۋاكسىنىسىنى بالدۇرراق ئەملەش بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل». 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆتكۈزگەن «دۇنيانى بىر ئەندىشىدىن خالاس قىلايلى» تېمىسىدىكى خەلقئارا HPV ۋىرۇسىنى بىلىش كۈنى پائالىيىتىدە، بۇ دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار ئاممىغا يۈزلىنىپ، HPV ۋىرۇسى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنى چۆرىدەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.

3- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى «دۇنيانى بىر ئەندىشىدىن خالاس قىلايلى» تېمىسىدىكى خەلقئارا HPV ساۋاتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: بۇ دوختۇرخانا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسورى، مۇدىر ۋىراچ ماھىنۇر نىياز ساغلاملىق بىلىملىرى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جاۋ يۆ فوتوسى

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ 4- كۈنى 6- قېتىملىق خەلقئارا HPV ۋىرۇسىنى بىلىش كۈنى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسورى، مۇدىر ۋىراچ ماھىنۇر نىياز مۇنداق دېدى: ھازىر كىشىلەر بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان HPV ۋىرۇسىغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستى.

3- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى «دۇنيانى بىر ئەندىشىدىن خالاس قىلايلى» تېمىسىدىكى خەلقئارا HPV ساۋاتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەتكە قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرى لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جاۋ يۆ فوتوسى

  ماھىنۇر بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قەرەللىك ھالدا بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشتىن باشقا، چوقۇم HPV ۋاكسىنىسى ئەملەشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ شىنجاڭ ئىچىدىكى 13 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئىككى ۋالېنتلىق HPV ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كۆپ، بىخەتەر، خىراجىتى يۇقىرى ئەمەس، ئۈنۈمىمۇ ياخشى. ئاتا- ئانىلار ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەك، قىزلار 13 ياش ئەتراپىدا ۋاكسىنا ئەملىسە بولىدۇ، قانچە بالدۇر ئەملىسە، پايدىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

3- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى «دۇنيانى بىر ئەندىشىدىن خالاس قىلايلى» تېمىسىدىكى خەلقئارا HPV ساۋاتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، سۈرەتتە: بىر شەھەر ئاھالىسى HPV بىلىملىرى تەشۋىقات قوللانمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جاۋ يۆ فوتوسى

  ساغلاملىق بىلىملىرى لېكسىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار يەنە ئاممىنى توغرا ساغلاملىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇخلاش، ساغلام ئوزۇقلىنىش ھەمدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ھەرىكەت قىلىش، شۇ ئارقىلىق جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.