تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ كەچلىك بازار ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باقمامسىز؟

   بۈگۈن، بىز جەنۇبىي شىنجاڭلىقلارنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

   «ئەلۋەتتە كەچلىك بازارغا بارىمىز». شىنجاڭ خوتەنلىك جاۋ بو «بۇ ھەقتە مېنىڭ ئەڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقۇم بار» دېدى.

   خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ داڭقى بار. شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ: «كەچلىك بازارغا بارمىسا، خوتەنگە كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دەيدىغان گېپى بار.

خوتەن كەچلىك بازىرى. سىن مەنبەسى: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 «1983-يىلى، ئەمدىلا تۆت ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىمدا، ئاتا-ئانام مېنى كەچلىك بازارغا ئېلىپ بارغان. ئاچچىق-چۈچۈك ئۆپكە-ھېسىپنى مەن ھەر قېتىم چوقۇم يەيتىم». ئۇ بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يەنىلا بۇ تەمنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، يۇمشاق، ئاچچىق-چۈچۈك، ئەسلىي تەم. باشقا جايدىن بۇنداق تەمنى تېپىش ئىنتايىن تەس.

   كەچلىك بازارغا بالدۇرراق بېرىش كېرەك، كەچ سائەت 8دە شۇ جايدىكى كىشىلەر سىرتتىن كەلگەن دوستلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

   يۈزدىن ئارتۇق خاس مەززىلىك تائاملار ئاشخانىسىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئاساسلىق تامىقى بار بولۇپ، بازار ئايلانغاچ تاماق بۇيرۇتقىلى، تاماق يېگەچ، يەنە تاماق قوشقىلى بولىدۇ.

▲ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى قوقاستا پىشۇرغان تۇخۇم. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

   «ئاچكۆزلۈك قىلماڭ، پايدىسى يوق، خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم بېرىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى جاۋ بو.

   قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى جەزمەن يەپ بېقىشقا تېگىشلىك يېمەكلىك. قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئىچىدە ئەڭ قالتىس بولغىنى «زەپە قوشۇلغان ئۈچ خىل تۇخۇم» بولۇپ، غاز تۇخۇمىنىڭ ئېقى چىقىرىۋېتىلىپ، «ئۈچ تۇخۇم» يەنى يەرلىك توخۇ تۇخۇمى، قىرغاۋۇل توخۇمى ۋە كەپتەر تۇخۇمى سېلىنىپ يەنە زەپە، ھەسەل قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللار قوشۇلىدۇ.

   قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، مەززىلىك كاۋاپلار، ئاچچىق-چۈچۈك قوي پاچىقى، قېتىق زۇڭزا، پېتىر مانتا ... بەزىلىرى شىنجاڭنىڭ داڭلىق تائاملىرى، بەزىلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۆزگىچە خاس يېمەكلىكى.

   «قوي گۆشى كاۋىپىنى چوقۇم بۇيرىتىمىز. قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ئۈچەي كاۋاپ، قېتىق زۇڭزىسى خوتەننىڭ خاس يېمەكلىكى، بۇنىمۇ چوقۇم بۇيرىتىمىز» دېدى جاۋ بو، ئەگەر دوستلىرىمىز جىقىراق كېلىپ قالسا يەنە قوي پاچىقى، كالا گۆشى بۇيرۇتساق بولىدۇ.

خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى قېتىق زۇڭزىسى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

   ئويلىمىغان يەردىن جاۋ بونىڭ دوستلىرى ئەڭ ياقتۇرغان خاس تائاملار ئىچىدە قېتىق زۇڭزىسى ھەمىشە ئالدىغا تىزىلاتتى. ئۇنىڭدا ھەم چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى نومى گۈرۈچىنىڭ يۇمشاق يېپىشقاق تەمى ھەم خوتەن قېتىقىنىڭ چۈچۈمەل تەمى بار بولۇپ، خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى توردا ئالقىشلانغان تائاملارنىڭ بىرىدۇر.

   

   

▲ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى قوي، كالىلارنىڭ باش-پاچاقلىرى، سوغۇق سەيلەر. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

    ئەلۋەتتە، قوي بېشى، كالا بېشى، قوي پاچىقى، كالا پاچىقى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى كەم بولسا بولمايدۇ، گۆشى يۇمشاق، تەملىك، شۇنداقلا دوستلارنى كۈتۈۋېلىشتىكى ئېسىل يېمەكلىك.

   

      ▲ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى ھەر خىل كاۋاپلار. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

    بېلىق كاۋىپى، قوي گۆشى كاۋىپى، توشقان كاۋىپى، كەپتەر كاۋىپى ... كاۋاپنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

   ▲ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى ساياھەتچىلەر.  شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

   خوتەندە بىر كەچلىك بازار يېتىشمەيدىغان بولۇپ قالدى.

   نۆۋەتتە، خوتەندە ئىككى كەچلىك بازار بار. كونا كەچلىك بازاردا 238 يايما ئورنى، 700دىن ئارتۇق شىرە بار. يېڭى كەچلىك بازاردا 150 يايما ئورنى، 300دىن ئارتۇق شىرە بار.

    تۆت-بەش يېقىن دوست يىغىلىپ كاۋاپ بۇيرۇتۇپ، كەچلىك بازاردا «كېچىلىك پاراڭ» سېلىپ، بەزىلىرى سائەت 10دىن بۇرۇن سورۇننى يىغىپ ئۆيىگە قايتىپ ئارام ئالىدۇ، بەزىلەر بەك قىزغىن پاراڭلىشىپ، يېرىم كېچە سائەت بىر ئىككىگىچە تاماق يەپ-ئىچىشىپ پاراڭلىشىدۇ.

     «نەچچە قېتىم باردىم، يېرىم كېچە سائەت بىردە بازار ئاخىرلاشتى، باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغانىدى» دېدى جاۋ بو.

6

    ▲ خوتەن كەچلىك بازىرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

   خوتەن كەچلىك بازىرىدا تاماق يېيىشلا ئەمەس، زالنىڭ كەيپىياتى سائەت 9دا يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئويۇن باشلىنىدۇ. بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ھەر قانچە مەززىلىك تائاملارمۇ  جەلپ قىلالمايدۇ. كۆپچىلىك ئولاش-چولاش يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ، گۈزەل نومۇرلارنى دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.

  «ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش  سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، نەق مەيداندا ھېس قىلىپ، ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھۇزۇرلاندىم. جاۋ بو قانچە قېتىم كۆرگەن، قانچە قېتىم ئاڭلىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن چوڭقۇر مۇڭغا چۆكتى، ئۇ يۇرتىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن پەخىرلىنىدۇ.»

   «چوقۇم نەق مەيدانغا كېلىپ كۆرۈڭ، يىگىتلەر كېلىشكەن، قىزلار گۈزەل، ناخشا ۋە ئۇسسۇللار كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.