تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق كىچىك ماھىر توپ كىرگۈزۈش تۆھپىكارى! U20​ ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن چېمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىنى يەڭدى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، 41-نۆۋەتلىك U20 ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى D گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوماندىسى كوماندىدىكى شىنجاڭلىق ئىككى كىچىك ماھىرنىڭ ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇشىغا تايىنىپ، نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىنى يەڭدى، بۇنىڭ بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈمىدى زور دەرىجىدە ئاشتى.

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى مۇسابىقىدىن كېيىن غەلىبىنى تەبرىكلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (چې جوۋيۇڭ فوتوسى)

    گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئىككىگە قارشى بىر بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. «ھالاكەت گۇرۇپپىسى»دىن بۆسۈپ چىقىش ئۈمىدىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوماندىسى چوقۇم بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك ئىدى.

    ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ھالدا تېخىمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسى ئالدىدا، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ باش تىرىنېرى ئانتونىيو ئاساسىي كۈچنى مۇداپىئەگە قارىتىش، تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە مۇقىم ئورۇنلۇق توپتىن پايدىلىنىپ پۇرسەت يارىتىشتەك تاكتىكىلىق تەپەككۇر يولىنى قوللاندى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسى مەيدان ۋەزىيىتىنى كونترول قىلدى، لېكىن جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى بىر قەدەر مۇستەھكەم بولغاچقا، ئىككىلا كوماندا ياخشى نومۇر ئېلىش پۇرسىتى يارىتالمىدى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 65 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭدىن كەلگەن توپچى، شۇنداقلا كوماندا باشلىقى ئەفىردىننىڭ سول يولدىن قارشى تەرەپ توپچىسىنى ئالداپ ئۆتۈپ دەل جايىدا ئەپچىل پاس بېرىشى بىلەن، ئوتتۇرا يولدىكى شىنجاڭدىن كەلگەن، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان يەنە بىر كىچىك ماھىر مۇتەللىپ توپنىڭ چۈشۈش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ توپنى ۋارتاغا كىرگۈزدى! جۇڭگو كوماندىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى!

يەتتە مىنۇتتىن كېيىن، يەنە شۇ ئەفىردىن، يەنە شۇ مۇتەللىپ! ئىككى شىنجاڭلىق توپچى سول تەرەپتىن ياخشى پاسلاشتى، ئەفىردىن ئالدىغا پاس بەردى، مۇتەللىپ ئالدا تەرەپتىن قىسىلىپ كىرىپ توپنى ئالغاندىن كېيىن پۇتىنىڭ دۈمبىسى بىلەن توغرىسىغا پاس بەردى، ۋارتا ئالدىدىكى شۈ بىن توپنى ۋارتاغا كىرگۈزۈپ يەنە بىر نومۇر ئالدى!

ئىككى توپ ئارقىدا قالغان سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسى كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، لېكىن جۇڭگو كوماندىسى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشتەك مۇداپىئەسىگە تايىنىپ نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجىنى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ساقلاپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىنىڭ توپ كونترول قىلىش نىسبىتى %75.9كە يېتىپ، ۋارتاغا 16 قېتىم توپ ئۇردى، بۇ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

بۇ مەيدان ھالقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى نۆۋەتتە بىر مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان يېڭىلىپ، ئۈچ نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، گۇرۇپپىدىن چىقىشتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ياپونىيە كوماندىسى ئالتە نومۇر ئېلىپ گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسى ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇتقان توپ سانىدىكى پايدىسىز ئەھۋال سەۋەبلىك گۇرۇپپىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، قىرغىزىستان كوماندىسى ئىككى مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرۇپ گۇرۇپپىدا ئەڭ ئاخىرىدا تۇردى.

3-ئاينىڭ 9-كۈنى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوماندىسى قىرغىزىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، رەقىبىنى يەڭسە گۇرۇپپىدىن چىقىدۇ.

​بۇ جۇڭگو كوماندىسىدا جەمئىي يەتتە نەپەر توپچى شىنجاڭدىن كەلگەن. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.