تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقىنىغا 15 كۈن توشسا دوختۇرخانىدىن چىقىشى كېرەكمۇ؟ دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى: بالنىستتا يېتىش كۈن سانىغا چەك قويۇلمايدۇ

  بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا كېسەل كارىۋىتىنىڭ ئايلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاغرىقلارنىڭ 15 كۈندە جەزمەن دوختۇرخانىدىن چىقىشىنى بەلگىلەش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. يېقىندا دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىدارە ۋە ھەر دەرىجىلىك داۋالاش كاپالىتى تارماقلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ بالنىستتا يېتىش كۈن سانىغا چەك قويماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشمۇ ئاغرىقلارنىڭ بالنىستتا يېتىش كۈن سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بۇ ئىدارە ئاغرىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خىراجەتنى پارچىلاش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئالىدۇ.

  دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئومۇميۈزلۈك بۆلەكلەر بويىچە پەلەمپەيسىمان ئاتچوت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، خىراجەت قانچە يۇقىرى بولسا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش خىراجىتىنى جەملەپ ھېسابلاپ، ئاندىن سىياسەت، بەلگىلىمە بويىچە ئاتچوت قىلىش سوممىسىنى ھېسابلايدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى قاتارلىقلارغا مايىللاشتۇرۇپ چىقىم قىلىنىدۇ، يەنى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قارىغاندا دەسلەپكى چىقىم چېكى يېرىم تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى 5 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈلىدۇ، يۇقىرى چەك تەسىس قىلىنمايدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەم ئومۇمىي سومما خامچوتى ئاستىدىكى كۆپ مەنبەلىك بىرىكمە چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كېسەلگە دىياگنوز قويۇشقا ئالاقىدار گۇرۇپپا (DRG) بويىچە ھەق تۆلەش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا كېسەل تۈرى نومۇر قىممىتى (DIP) بويىچە ھەق تۆلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، چىقىم قىلىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش خىراجىتى چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ «جاننى قۇتقۇزىدىغان پۇلى»نى ئەمەلىي ئىشلىتىدۇ، ياخشى ئىشلىتىدۇ؛ ھەم ئۈنۈمنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي داۋالىنىش خىراجىتى يۈكى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاغرىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خىراجەتنى پارچىلاش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتىنى قوش ئۆستۈرىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.