«يېڭى دەۋردىكى يېڭى تاراتقۇ بىز ياشلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى بەردى، بىزنىڭ قىسقا فىلىملىرىمىز شىنجاڭلىقلارنىڭ يۇمۇرىستىكلىقىنى ئېلىپ شىنجاڭدىن ھالقىپ، پۈتۈن جۇڭگو ھەتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەستانىلەرنى كۈلدۈردى.» 3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاپپارات كۆزى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى غەنىزات توختىغا مەركەزلەشكەنىدى.
شۇ كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ 2- مەيدان «ئەزالار يولى» بۇرۇنقىدەكلا ئېچىلدى. سائەت 8دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆك رەڭلىك كاستيۇم كىيگەن غەنىزات «ئەزالار يولى»غا چىقىپ، ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، قىسقا سىن ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى خاتىرىلىگەن ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.
ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىمىز غەنىزاتنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بېرىپ كىرىشتۈرۈپ ئىشلەپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى، قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ شىنجاڭلىق ياشنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سالايلى.