تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسى، ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى... ئۈرۈمچى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىكى بۇ ئىشلارنى بىلەمسىز؟

 
   سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسى

  ئومۇمەن ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىغا ئىگە، 16 ياشتىن ئاشقان (مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، دۆلەت ئورگىنى ۋە كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرى ئەمەس ھەم شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە (كەنت) ئەمگەك كاپالەت پونكىتىدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى

  شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يىل بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۆزى ھەم ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ، كۆپ تاپشۇرسا كۆپ ئالىدۇ.

ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ھەر يىلى 200 يۈەن، 300 يۈەن، 400 يۈەن، 500 يۈەن، 1000 يۈەن، 2000 يۈەن، 3000 يۈەن، 3500 يۈەندىن ئىبارەت سەككىز دەرىجە قىلىپ تەسىس قىلىندى.

ھەق تاپشۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى

ئىككى تۈرلۈك ھەق تاپشۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ياردەم تولۇقلىمىسىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

بىرىنچى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ھەر يىلى ۋاقتىدا ھەق تاپشۇرسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى 60 يۈەن، تولۇقلاپ تاپشۇرغان ياكى ئارىلاپ تاپشۇرغان مەزگىلدە ھۆكۈمەتنىڭ  ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.

ئىككىنچى، يۇقىرى دەرىجە بويىچە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىغانلارغا ئىلھام بېرىلىدۇ (بىرىنچى دەرىجە بۇنىڭ سىرتىدا)، شۇ كىشىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش دەرىجە ئۆلچىمىنىڭ %10ى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى قوشۇپ بېرىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تورى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.