تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ساقلىۋېلىڭ! پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى بېجىرگەندە، بۇ مەسىلىلەر ناھايىتى مۇھىم (1)

پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا، 

بىخەستەلىك قىلىپ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ

 ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ 

بۈگۈن كۆپچىلىككە 

تۆمۈريول 12306APPسىنى قانداق ئىشلىتىشنى سۆزلەپ بېرەي

«پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى»نى تېز بېجىرىش

↓↓↓

تۆمۈريول 12306APPسىنى ئېچىپ

 «ئىللىق مۇلازىمەت» كۆزنىكىنى چېكىڭ

«يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى»نى تاللاڭ

بەت يۈزىگە كىرگەندىن كېيىن

 ئىسىم- فامىلىڭىزنى، كىملىك نومۇر ئۇچۇرىڭىزنى تولدۇرۇڭ

 چوقۇم يان تېلېفون ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ئورۇن بەلگىلەشكە

 ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىشكە دىققەت قىلىڭ

«دەرھال ئىلتىماس قىلىش»نى چېكىڭ

سەمىمىي ئەسكەرتمە 

يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇش

 ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى بېجىرگەندە

 يولۇچىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى 

تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك

سەمىمىي ئەسكەرتمىدىكى «قوشۇلىمەن» دېگەن تاللاش تۈرىنى چەككەندىن كېيىن

 ئۆزىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش بېتىگە كىرىپ

 ئوقۇش تۈرىنى تاللاپ

 «كېيىنكى قەدەم»نى چېكىپ، «ھەقىقىي ئادەمنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش» ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ

تەكشۈرۈش جەريانىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرسىڭىز

 ناھايىتى تېزلا تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ

 مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتقا ئاساسەن 

بېكەتكە ئوڭۇشلۇق كىرەلەيسىز

سوئال: تورغا چىقالمايدىغان كىشىلەر توپى، ياشانغانلار توپى ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولمىغان كۆچمە تېرمىنال ئىشلىتىدىغان يولۇچىلارنىڭ بىر تەبىئىي ئايدا پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلىشى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋوگزالدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى كىنىشكا بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق سالاھىيەت قەغەز ئىسپاتى بېجىرسە بولىدۇ. ۋاقىتلىق سالاھىيەت قەغەز ئىسپاتى بىلەن ۋوگزالغا كىرىپ پويىزغا چىقىشتا، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ دەلىللەش يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

سوئال: پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ قېتىم سانى چېكى بارمۇ؟

بار. پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى ھەربىر ئادەم بىر ئايدا ئۈچ قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىلتىماس قىلىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، ۋوگزالدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى كىنىشكا بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

سوئال: پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بارمۇ؟

بار. پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى يولۇچىلار ئىلتىماس قىلىپ 24 سائەت ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ساياھەت جەريانىدا پويىزغا ئولتۇرۇش ئېلېكتىرونلۇق ۋاقىتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى كۈچتىن قالغاندا، يولۇچىلار قايتىدىن ئىلتىماس سۇنسا ياكى ئادەم كۈچى بىلەن بېجىرىش ئېغىزى ئارقىلىق بېكەتتىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

سوئال: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ شەھەر ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىمنى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ؟

سىز «قايتا ئورۇن بەلگىلەش»نى چېكىپ يەنە بىر قېتىم ئورۇن ئۇچۇرىغا ئېرىشىشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يان تېلېفون ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتىنىڭ ئېچىلغانلىقى ھەم 12306APPسىغا ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(داۋامى بار)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.