تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

​شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى​

لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى   جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

​قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جاۋ لېجى ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

باش باھاردىكى بېيجىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ھەممە شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى. خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا دۆلەت گېربى قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2977 كىشى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقانلار 2948 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 29 كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جاۋ لېجى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەربىي ئوركېستىرنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچى، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ.

لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك چاقىرىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى. بوران - چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشىنى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا تولىمۇ تەستە قولغا كېلىدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىل تولىمۇ ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى چېكىنىپ كېتىش قاتارلىق قاتمۇقات سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدۇق.

لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىدۇق؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە كېڭەيتتۇق؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتۇق؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىچكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلىشىشنى ئالغا سىلجىتتۇق؛ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق؛ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق؛ ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. مەسىلە ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشىلاپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

لى كېچياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن تەخمىنەن 12 مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئارتۇق سەۋىيەدە ساقلاش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، تاشقاتما ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى نۇقتىلىق تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى مۇقىم ياخشىلاش.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپكە قارىتا، لى كېچياڭ بىرنەچچە تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش؛ ئۈچىنچى، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ تۆتىنچى، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئىشلىتىش؛ بەشىنچى، ئىقتىساد - پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش؛ ئالتىنچى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ يەتتىنچى، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش؛ سەككىزىنچى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش.

دوكلاتتا، لى كېچياڭ يەنە مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى، ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بايان قىلدى.

لى كېچياڭ بەرگەن دوكلات قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇن چىقىرىش دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلىنىدىغان جەريان بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. قانۇن چىقىرىش قانۇنى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈزۈمى ۋە قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان نېگىزلىك قانۇن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ؛ يېڭى دەۋردە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ؛ يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر؛ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەمەلىي تەجرىبە بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئاساسىدا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئىسلاھات داۋامىدا قانۇن ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى جەمئىي 37 ماددا. بىرىنچى، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىككىنچى، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش بويىچە تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، قانۇن چىقىرىش تەدبىرىنى ئىسلاھات تەدبىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تۆتىنچى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسى، قانۇن چىقىرىش تەرتىپى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بەشىنچى، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تولۇقلاش؛ ئالتىنچى، يەرلىك نىزام، قائىدىلەرنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يەتتىنچى، تىزىمغا ئېلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى ماقۇللاندى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ خې، ليۇ گوجۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شۇلېي، ياڭ شياۋدۇ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، بەيما چىلىن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.