تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

​شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

​ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى   ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى   شاۋ خۇڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى يەنە پۈتۈپ چىقىش. شانلىق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يەنە بىر مۇھىم تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

3 - ئايدىكى بېيجىڭ باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2169 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2132 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ۋاڭ خۇنىڭ، شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىگەندە، ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۇنجى قېتىم مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تۈزۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تۈپ سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

ۋاڭ ياڭ دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، جەزمەن دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ كېڭىشىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش، جەزمەن ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئاساسلىق تەسىراتلىرىنى خۇلاسىلىدى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە قارىتا تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شاۋ خۇڭ يىغىنغا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ تەكلىپ بېرىپ، ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. بەش يىلدىن بۇيان، جەمئىي 29 مىڭ 323 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 23 مىڭ 818 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. 2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، %99.8 تەكلىپ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كېڭىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، تەكلىپلەردىكى نۇرغۇن پىكىر - تەۋسىيە ئالاقىدار يىرىك پىلان، سىياسەت ۋە تەدبىرلەردە نامايان بولدى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ چېن، ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ خې، ليۇ گوجۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ شياۋدۇ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جاڭ جۈن، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئېچىلىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار قاتارلىقلار ئېچىلىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.