تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى 3-ئايلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى: مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، تۆت خىل يۇقۇملۇق كېسەلدىن يىراق تۇرۇش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ): 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى، 3-ئايدا قىش بىلەن ئەتىياز  ئالمىشىدۇ، تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش، نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ۋە سۇ چېچىكى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارىتا ئېھتىيات قىلىش زۆرۈر.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالى سانى كۆپەيگەن، نۆۋەتتە تەكشۈرۈلگەن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئاساسەن A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئىكەن. تارقىلىشچان زۇكام ئادەتتىكى زۇكامدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى كېسەللىك قوزغىلىشى جىددىي بولۇش، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش ۋە پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، شۇنداقلا يۆتىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، يەنە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

  تارقىلىشچان زۇكامدىن مۇداپىئەلەنگەندە، ئاھالىلەر تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەپ، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى، يوتقان-كۆرپىلەرنى پات-پات ئاپتاپقا سېلىپ، پات-پات كىيىم ئالماشتۇرۇپ، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشى، لۆڭگە، قول ياغلىق قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ئاھالىلەر ئائىلە، دەرسخانا، ياتاق قاتارلىق سورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، دائىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەرەللىك ھالدا تازىلىق قىلىپ، مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلىشى كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تارقىلىشى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقۇم ۋەزىيىتى مۇقىم، لېكىن يەنىلا ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى داۋاملىق ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىشنى تېزدىن تاماملىشى كېرەك. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇملانغان ۋاقتى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ۋاقىت ئارىلىقى ئالتە ئايدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

   نورۇ ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش جەھەتتە، ئاھالىلەر يەنىلا قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىشى، تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن ۋە مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قولىنى يۇيۇشى، «يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلى»نى ئىگىلىشى كېرەك. قايناق سۇ ئىچىش، قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك، خام، سوغۇق، پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىش كېرەك.

   سۇ چېچىكىنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەسۋە ئالدى بىلەن باش قىسىم ۋە گەۋدىدە پەيدا بولۇپ، ئاستا-ئاستا پۇت-قوللارغا تارقىلىدۇ، دەسلەپتە قىزىل ئەسۋە پەيدا بولۇپ، كېيىن دۆڭچە ئەسۋەگە ئۆزگىرىدۇ ھەمدە تەرەققىي قىلىپ قوقاققا ئايلىنىدۇ. قوقاق بولۇپ بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن، قوقاق مەركەزدىن باشلاپ قۇرۇپ قاقاچ تۇتۇشقا باشلايدۇ، ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ قىزىرىشى يوقايدۇ، يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قاقاچ تېرىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئوخشاش بىر ئورۇندا كۆپىنچە دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما، قاقاچ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلمىسە، ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

  ھازىر، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولۇپ، بالىلار 18 ئايلىققا توشقاندا 1-ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ، تۆت ياشقا توشقاندا 2-ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ. تۆت ياشتىن ئاشقان، لېكىن ئىلگىرى پەقەت بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملىگەن بالىلارغا 2-ۋاكسىنىنى تولۇقلاپ ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىلگىرى سۇ چېچىكىگە گىرىپتار بولۇپ باقمىغان، ۋاكسىنا ئەملەپ باقمىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلار، ئەگەر سۇ چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلسە، ئوخشاشلا سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاھالىلەرگە ئەگەر سۇ چېچىكى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلسا، ئۆيدە ئايرىپ داۋالىنىشى كېرەك، ئايرىش مەزگىلى سۇ چېچىكى قوقىقىنىڭ ھەممىسى قاقاچ تۇتقانغا قەدەر بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.