تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككى يىغىن ئالاھىدە سۆزلىرى» سىزنى چاقىرىدۇ: كېلىڭ، «ئالاھىدە» ئېيتماقچى بولغان «سۆزلىرىڭىز»نى قالدۇرۇپ قويۇڭ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو چيەن)  2023-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى 2023-يىللىق «ئىككى يىغىن ئالاھىدە سۆزلىرى» ھەمتۈرتكە بولۇپ مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كەڭ تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

     دۆلەت ئىقتىسادى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئائىلە ئىشلىرى دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك. 2023-يىللىق «ئىككى يىغىن ئالاھىدە سۆزلىرى» ھەمتۈرتكە بولۇپ مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەلقنىڭ ئەھۋالى، خەلقنىڭ رايى، خەلقنىڭ پاراسىتىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەش ئۈچۈن بەرپا قىلغان توردىكى «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى». تورداشلار ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا تىزىملىتىپ «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە كىرىپ، ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما توغرىسىدا سۆز قالدۇرسا ھەم قىزىق نۇقتا تېما مۇنازىرىسىگە قاتناشسا بولىدۇ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، بىز ۋەكىل، ئەزالارنى زىيارەت قىلىپ، «بۇلۇت تېرمىنالى»دا بۇ قىزىق نۇقتا تېمىلىرى ئۈستىدە بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىمىز، يەنە سىزنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپىڭىزنى يىغىنچاقلاپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەيمىز.

    «ئىككى يىغىن ئالاھىدە سۆزلىرى» ھەمتۈرتكە بولۇپ مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلاشقىچە داۋاملىشىدۇ، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن مۇساپىدە ئەگىشىپ خەۋەر قىلىدۇ.

    تۇنجى باسقۇچلۇق مۇھاكىمە تېمىسى: خاس ئەۋزەل كەسىپلەر قانداق قىلغاندا ئىختىساسلىقلارنى توپلىيالايدۇ؟

     نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق-ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە، كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تېز بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىختىساسلىقلارغا تەقەززا بولماقتا. ھەم «ئالىي، سەرخىل، قابىل» پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىغا موھتاج، ھەم ئاساسىي تىپتىكى، قوللىنىشچان تىپتىكى، تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلاردىن ئايرىلالمايدۇ؛ ھەم سىرتقا قارىتا ھەممىنى قوبۇل قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى كەڭ قوبۇل قىلىش كېرەك، ھەم يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى، ئەتراپمىزدىكى ئىختىساسلىقلارنىمۇ زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ئارتۇقچىلىقى، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدار سەۋىيەسىگە ئىگە ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، قابىلىيىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىش، قىلغان ئىشتىن نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

    خاس ئەۋزەل كەسىپلەر قانداق قىلغاندا ئىختىساسلىقلارنى توپلىيالايدۇ؟ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش تەدبىرلىرى، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش مۇلازىمىتى، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش چارىسىغا قارىتا، سىزنىڭ قانداق ئويىڭىز ياكى تەكلىپىڭىز بار؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىزنى بايان قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

   قاتنىشىش ئۇسۇلى: ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئاستىدىكى يۇمىلاق «تەدبىر سوراش» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە كىرىپ، پىكىر-تەكلىپىڭىزنى يېزىپ قالدۇرسىڭىز بولىدۇ؛ ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق «شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىگە قانداق قىلغاندا ئىختىساسلىقلارنى توپلىغىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېما ئارقىلىق، باھا بېرىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، تېما مۇزاكىرىسىگە بىۋاسىتە كىرىڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.