تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى丨ۋەكىل مۇساجان قايرات: ئاممىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ بېرىمەن

   «مەن يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ھەم يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان قانداق تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىپ، كۈنلىرىمنى ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزدۈم.» 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ شوربۇلاق بازىرى كېرىگە تاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇساجان قايرات  مۇخبىرغا شۇنداق دېدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى توپلاپ، تەكلىپ لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ يازغان.    

   2-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، مۇساجان قايرات ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشتى. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان نەتىجىلەر ئۇنى ھاياجانغا سالدى.

   «كۆزدىن كەچۈرگەندە، جيۇشېڭخې پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.» مۇساجان قايرات كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاقەتسىزلىك بىلەن يۇرتداشلارغا ئۆزىنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال ئاتلىنىشقا چاقىردى.

   «قانداق ۋەكىل بولىمىز؟ چۈشىنىشىمچە، ئالدى بىلەن ئاممىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ بېرىش كېرەك» دېدى مۇساجان قايرات.

   ئاممىغا  ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ بېرىش باشتىن-ئاخىر مۇساجان قايراتتىن ئىبارەت بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئېسىل ئىستىلى بولۇپ كەلدى. 20 نەچچە ياش ۋاقتىدا، ئۇ تېخنىكا ئۆگىنىپ، رېمونتخانا ئاچتى، تۆمۈرچىلىك، كەپشەرلەش، بالون ياماش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى، تىرىشىپ ئىشلەپ ئائىلە كىرىمىنى ياخشىلىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ شاگىرتلىرىغا ھەقسىز تېخنىكا ئۆگەتتى، نۇرغۇن يۇرتداشلار ئۆگەنگەن تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى.

 مۇساجان قايراتنىڭ يېقىندا تارتىلغان سۈرىتى.  سۈرەتنى مۇساجان قايرات تەمىنلىگەن

      2013-يىلى، كەنتتە يول ياسالغاندا مەبلەغ جەھەتتە قىيىنچىلىق كۆرۈلدى، مۇساجان قايرات باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەينى چاغدا كەنتتىكى ھەممە ئائىلە دېگۈدەك ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى، يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ يول يۈرۈش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

     2014-يىلى، مۇساجان قايرات كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى، كەنتتىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ توشۇشتا قىيىنچىلىق بارلىقىنى بايقاپ، تۆت چاقلىق ھارۋىنى ھەيدەپ كۆپچىلىكنىڭ ئەخلىتىنى تازىلىدى، توشۇدى. «كېيىن بازار مەخسۇس ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى سەپلەپ بەردى، تۇرمۇش مۇھىتىمىز تېخىمۇ پاكىز، رەتلىك بولدى» دېدى ئۇ.

    يەنە، مۇساجان قايرات ئائىلىسىنىڭ ھويلىسى 2017-يىلى كەنتنىڭ مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى بولۇپ قۇرۇلغان. يۇرتداشلار دائىم بۇ يەرگە كېلىپ سىياسەت ۋە قانۇن تەشۋىقاتى ئاڭلايدۇ، كىتاب كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ، دەم ئالىدۇ، كۆڭۈل ئاچىدۇ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان تەسىرلىك مەنزىرە كەنتتىكى كۆڭۈللۈك پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى.

   «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىدىغان تېخىمۇ چوڭ سەھنىدە، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ياخشى تەكلىپلەرنى قۇرۇلتايغا ئېلىپ بېرىپ، ياخشى سىياسەتلەرنى يۇرتۇمغا ئېلىپ كېلىپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئاتلىنىمەن» دېدى مۇساجان قايرات.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.