تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ

بىپايان تۇپراق باھار نۇرىغا چۆمۈلدى

بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى

ئوت-چۆپلەر بىخ سۈرۈپ

باھار قۇشلىرى شىمالدىن قايتىپ كېلىشتى

دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاپ، مول ھوسۇللۇق بىر يىلغا ئۈمىد باغلىدى

شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىپ كەتتى 

2-ئاينىڭ 21-كۈنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرى چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور ھەيدەپ يەر تۈزلىمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شيې جياڭلىن فوتوسى

   يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى يەنجى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر باھارنى قەدىرلەپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يەر تۈزلەشكە تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياخشى ئاساس سالدى. 

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىسى كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرىدىكى تېمىتىپ سۇغىرىلىدىغان يازغى بۇغداي يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا يازغى بۇغداي تېرىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

​يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

   بۇ يىل، كۇچا شەھىرى 70 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە يازغى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قىر سېلىپ، ئۇرۇق سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرى چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتورنى ھەيدەپ يەر تۈزلىمەكتە.
مۇرادىل ماناس فوتوسى
   تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى. 

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى باش باغلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا تېرىقچىلىق قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 4-كۈنى، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى تەسكەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زىرە تېرىماقتا. بۇ يىل قارايۇلغۇن يېزىسى 6000 مو يەرگە زىرە تېرىشنى پىلانلىدى. 

چۆ.خۇرە فوتوسى

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بۇلاق كەنتىدىكى دېھقان ئۈزۈم تاللىرىنى رەتلىمەكتە.

ليۇ جيەن فوتوسى

    3-ئاي كىرىشى بىلەن، تۇرپان شەھىرىدىكى 570 مىڭ مو يەردىكى ئۈزۈملەر تەك ئېچىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. شۇ جايدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈم تاللىرىنى قايتىدىن باراڭغا ئېلىپ، بۇ يىللىق ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.  

3-ئاينىڭ 3-كۈنى، تېخنىك خادىملار ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىدا مەشغۇلات قىلىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى لياڭفەنچاڭ مەيدانىدىكى كۈزگى بۇغداينى باش ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىماقتا.

خۇا يەنمىڭ فوتوسى

   ھازىر، بۇ ناھىيەدىكى 335 مىڭ مو يەردىكى كۈزگى بۇغداي پەرۋىش قىلىش مەزگىلىگە كىردى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تارماقلىرى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا ئوغۇتلاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشكىللەپ، كۈزگى بۇغداينى قوشۇمچە ئوغۇتلاش خىزمىتىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى، «ئانار بۇلۇت»

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.