تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

نۆۋەتتىكى تارقىلىشچان زۇكام ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

   قىشتىن ئەتىيازغا ئۆتىدىغان پەسىل ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل، يېقىنقى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىدە تارقىلىشچان زۇكام ئاغرىقلىرىنىڭ سانى ئېشىشقا قاراپ يۈزلەندى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئوخشاش، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامدىن يۇقۇملىنىشمۇ زۇكام، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ساۋاتلىرى يېتەرلىكمۇ؟ تۆۋەندىكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارغا نەزەرىمىزنى سالايلى.

   * يېقىنقى مەزگىلدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋاللار: يېقىنقى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىدە تارقىلىشچان زۇكام ئاغرىقلىرىنىڭ سانى ئېشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى قاراۋۇلخانا دوختۇرخانىلىرىدىكى تارقىلىشچان زۇكام ئاغرىقلارنى كۆزىتىش-ئۆلچەشنى كۈچەيتتى، مەركىزىي ۋىرۇس تەجرىبىخانىسى نۆۋەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى ئاساس قىلىدۇ.

   * A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام دېگەن نېمە؟ A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تولۇق ئاتىلىشى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى بولۇپ، جىددىي نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى، كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بىر خىل يېڭى تىپتىكى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدۇر. 

   * قانداق تارقىلىدۇ؟ ئىككى خىل ئۇسۇلدا تارقىلىدۇ: 1. نەپەس يولى ئارقىلىق 2. ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق. نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىشتا، ۋىرۇس تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى، شۆلگەي، ئاجرالما ماددا قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساغلام كىشىلەر توپىغا تارقىلىدۇ. ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشتا، ۋىرۇس يەنە بۇلغانغان كىيىم- كېچەك، قاچا- قۇچا، يۈز- كۆزىنى يۇيۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولى ياكى بىرىكتۈرگۈچى پەردە يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (ئەسكەرتىش: A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. نۆۋەتتە تېخى ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقىدىغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق.)

   * يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ باش ئاغرىش، قىزىش، يۆتىلىش، كېكىردەك ئاغرىش، بەدەن ئاغرىش، مۇزلاش، چارچاش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

   * يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق داۋالاش كېرەك؟ ئادەتتىكى كىشىلەر قىزىتما قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش قاتارلىق دورىلارنى كېسەلگە قاراپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېغىر كېسەل خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ياكى كېسەللىك ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغاندا، ۋاقتىدا نېۋرامىنىك كىسلاتا ئېنزىملىق چەكلەش دورىلىرى (神经氨酸酶抑制剂) (مەسىلەن، ئاۋستاۋېي قاتارلىقلار) بىلەن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئەگەر باكتېرىيە ياكى مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىش قوشۇلسا، ئانتىبىئوتىك بىلەن داۋالاش كېرەك.

   * تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنىڭ قانداق پەرقى بار؟ چوڭ ئالتە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئەڭ مۇرەككەپ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنىڭ ئالتە چوڭ پەرقى بار: ①كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مەنبە: ئادەتتىكى زۇكام باشقا ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن پەيدا بولىدۇ، تارقىلىشچان زۇكام بولسا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ. ②قىزىش دەرىجىسى: ئادەتتىكى زۇكامدا ئادەتتە تۆۋەن، ئوتتۇراھال قىزىتما كۆرۈلىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامدا قىزىش روشەن بولىدۇ، كۆپىنچە قىزىتما يۇقىرى بولىدۇ. ③يۆتىلىش ئالامەتلىرى: ئادەتتىكى زۇكامدا ئارىلاپ يۆتىلىش پەيدا بولىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامدا يۆتىلىش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ. ④يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئادەتتىكى زۇكامدا بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقىرىقى نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ. ⑤پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئادەتتىكى زۇكامدا روشەن ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، تارقىلىشچان زۇكامغا دائىم پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇ مۇسكۇل ئاغرىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ⑥كېسەللىك ۋاقتى: ئادەتتىكى زۇكام 1 كۈندىن 3 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپىنچىسىدە كېسەللىك قوزغىلىپ 3-5 كۈندىن كېيىن قىزىش پەسىيىدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلىنىدۇ، لېكىن يۆتەل توختاش، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، يېنىك بولغاندا ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. 

   * بۇ زۇكامغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قانداق تەۋسىيەلىرى بار؟ 60 ياش ۋە 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار، ئالتە ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار، ھامىلىدارلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋە تېببىي خادىملار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يىلدا ئالدى بىلەن تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش؛ ئاھالىلەر مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ياخشى بولغان نەپەس يولى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش، قولىنى پات-پات يۇيۇش، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇننى توسۇشقا دىققەت قىلىش؛ مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى ساقلاش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش.

   * بۇ زۇكامغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر قانداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ؟ كېسەل ھالەتتە ئىشقا، مەكتەپكە بارماسلىق، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ماسكا تاقاپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش؛ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ قارىغۇچىسى ماسكا تاقاپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش؛ ئادەم زىچ سورۇنلارغا بېرىپ ھەرىكەت قىلىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، نەپەس يولى يۇقۇملانغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش.

   * مەكتەپ ۋە يەسلى ئاپپاراتلىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تەكشۈرۈش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن دەرسكە قاتناشمىغانلارنى ئىز قوغلاپ تىزىملاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سىنىپلارنىڭ دېرىزىلىرىنى دائىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى، مەكتەپلەر ھەر كۈنى سىنىپ، ياتاق، ئاشخانا، كۇتۇپخانا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش سورۇنلىرىنى تەلتۆكۈس تازىلىشى كېرەك. پەلەمپەي تۇتقۇچى، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىمۇ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ھاۋالىلىك يەسلى ئاپپاراتلىرى ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويۇنچۇق قاتارلىق بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك. مەكتەپ يەنە ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى، مەخسۇس باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، مەكتەپ رادىيوسى، قارا دوسكا گېزىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.