□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
«شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بىز شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز ھەم ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولىمىز.» 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭنىڭ بىر پارچە تەكلىپىگە دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يۇقىرىقىدەك جاۋاب قايتۇردى.
يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش. شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئېلېكتىر تورى ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ سىڭىپ كىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بىرقەدەر مول ئېنېرگىيە كەسىپ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشنى تەڭشەش - تىزگىنلەش تەجرىبىسىنى توپلىغان، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى تىپىكلىك ۋە مۇمكىنچىلىكنى ھازىرلىغان. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدا، ۋۇ گاڭ «شىنجاڭنى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
«دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ تۈرلۈك كونكرېت تەكلىپنى بىرمۇبىر تەتقىق قىلىپ جاۋاب قايتۇرغانلىقى تەكلىپلەرنى بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى» دېدى ۋۇ گاڭ.
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدا، قايتۇرۇلغان جاۋابتا شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىش، مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈشچانلىق، زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، تۈرلۈك بايلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئېچىش ۋە ئىلمىي تەقسىملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە ئېلېكتىر مەنبەسىنى ئېچىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ دۆلەت يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ئۆزىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللايدۇ.
شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بازا. ۋۇ گاڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يولى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە شىنجاڭنىڭ تور رامكىسى قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«2022 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، قومۇل - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشلەشكەن كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش باشلانغانلىقى دەل بۇ تەكلىپكە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب بولۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنى پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈردى» دېدى ۋۇ گاڭ.
قايتۇرۇلغان جاۋابتا يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى قومۇل - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشنى پائال قوللايدۇ ھەمدە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولىنى تەتقىق قىلىپ دەلىللەش تۈرىدىكى نۇقتىلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ھازىر ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، قومۇل - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بايلىقنى جانلىق ئېچىشىنى قوللاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا، قايتۇرۇلغان جاۋابتا شىنجاڭنىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت سۈرئىتى ۋە قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدىغان 20 تۈرنى «سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)»غا كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بايلىقنى جانلىق ئېچىشىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.