تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ياخشى <پاراۋۇز> بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە <سۈرئەتنى تېزلىتىمەن>!»

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى رېن چىنچىن، يۇەن مىن، جاۋ شياۋيۈ

«بىزنىڭ بۇ <ساۋشيەن ناھىيەسى تەلەپپۇزى>دىكى پۇتۇڭخۇانى تورداشلار چۈشىنەلەمدۇ - يوق بىلمەيمەن؟»

«ئۆزلىرى خاتىرجەم بولسىلا، مۇشۇنداق بولغاندىلا كەنتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقىي <يەرلىك مەھسۇلات> ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ!»

كامېرا ئالدىدا، «60 - يىللاردا تۇغۇلغان» ۋاڭ يىنشياڭ بىلەن «2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» رىياسەتچى چاقچاق قىلىشتى.

بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە، شەندۇڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ يېزىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنىڭ ئېقىم مىقدارى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىدى.

ئورگانىك تۇرمۇشنى ھېس قىلىش سارىيى، ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى... يېرىم كۈندىلا، ۋاڭ يىنشياڭ مۇخبىرنى باشلاپ تۆت - بەش بېكەت يول ماڭدى، قەدىمى توختاپ قالمىدى.

«سىز بۇ يىل 63 ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ، يەنە شۇنداق تىمەن تۇرۇپسىز!» دېدى مۇخبىر ھاياجانلانغان ھالدا.

«باش شۇجى بىزگە كۈچلۈك مەدەت بەردى! باش شۇجى ماڭا <تىياتىرنىڭ ياخشى ئوينىلىشى ئارتىسقا باغلىق> دېگەنىدى. ئۆزلىرى دەپ باقسىلا، ئارتىسلار روھىنى ئۇرغۇتمىسا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ تىياتىرنى ياخشى ئويناپ ئالقىشقا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟» ئاخىرى ئولتۇرۇپ، يېرىم ئىستاكاندىن كۆپرەك سۇ ئىچكەندىن كېيىن، ۋۇلىدۈن كەنتىنىڭ بۇ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى شۇ قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مۇخبىرغا ئەسلەپ بەردى.

2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ يىنشياڭ نەق مەيداندا سۆز قىلدى.

ئادەتتە ئوچۇق - يورۇق، كەسكىن ئىش قىلىدىغان ئۇ، يىغىندا سۆز قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى بىر كېچە ئويلاندى، «باش شۇجىغا ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، قەيەردىن باشلىسام بولار؟ يېرىم ئۆمۈردىن كۆپرەك كەنت ياچېيكا شۇجىسى بوپتىمەن، ئەمىسە بۇ خىزمەتنى ئىشلەش تەسىراتىمنىلا سۆزلەي».

باش شۇجى بىلەن ھەقىقىي يۈزتۇرا كۆرۈشكەن ئاشۇ پەيتتە، ئۇ ئەكسىچە بەكمۇ جىددىيلەشمىدى. «باش شۇجى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇرغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن ئىللىقلىق چىقىپ تۇراتتى، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ناھايىتى يېقىن تۇيغۇ بېرەتتى».

كەمبەغەل ۋە ئارقىدا قالغان نامرات كەنتتىن كەسىپلىرى گۈللەنگەن، مەنزىرىسى گۈزەل باي كەنتكە ئايلانغىچە ۋۇلىدۈن كەنتى قانداق ئىشلىدى؟ يىغقان پۇلىنى ئىئانە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يەر ئوبوروت قىلىشقا يېتەكلەپ، چارۋىچىلىق، كۆكتات، گۈل - گىياھ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردۇم... ئۇ تەسىرلىك قىلىپ سۆزلىدى، باش شۇجى زەن سېلىپ ئاڭلىدى.

«پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى، ياچېيكا شۇجىسى ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ياخشى قۇرۇلسا، كەنت كادىرلىرى ياخشى يېتەكلىسە، كۆپچىلىك ئاندىن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلىيەلەيدۇ» دېدى ۋاڭ يىنشياڭ جاراڭلىق ئاۋازدا.

ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى %70كە يەتكەن تەقدىردىمۇ، مەملىكەت بويىچە يەنىلا 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېزىلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ... تىياتىرنىڭ ياخشى ئوينىلىشى ئارتىسقا باغلىق، ئادەم كەتسە، كەنت بوش قالسا، يەر بىكار قالسا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ».

«باش شۇجىنىڭ ئەندىشىسى دەل يېزىلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە.» ۋاڭ يىنشياڭ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، «ئۇ يېزىنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىكەن، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، يۇرتداشلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەقىقىي پىلان تۈزۈۋېتىپتۇ!»

پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پۈتۈنلەي پاراۋۇزغا باغلىق. باش شۇجى يەنە «1 - شۇجى، داشۆ پۈتكۈزگەن كەنت كادىرى، يېزا - كەنت خىزمەت ئەترىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەش» «مىليونلىغان كۈچلۈك يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇپ، مىليونلىغان مۇنەۋۋەر يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنى يېتىشتۈرۈش» كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى گۈللەندۈرۈش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ھازىرقى زامان نۇسخىسىدىكى فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى بەرپا قىلىش كېرەك − شۇ قېتىمقى قاراپ چىقىش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يول خەرىتىسىنى ئېنىق تەسۋىرلەپ بەردى.

«باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىمىز تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، تىياتىرنى ياخشى ئويناپ، كۆپچىلىكنى ياخشى يېتەكلىشىمىز كېرەك!»

بېيجىڭدىن كەنتكە قايتىپ كەلگەن بىرىنچى ۋاقىتتا، ۋاڭ يىنشياڭ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى يۇرتداشلارغا ئەينەن سۆزلەپ بەردى. كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بەل باغلىدى.

ۋۇلىدۈننىڭ «ھازىرقى زامان نۇسخىسىدىكى فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى»نى قانداق سىزىمىز؟ ۋاڭ يىنشياڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى باشلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 2019 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

تەرەققىيات نەزەرىنى كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاقىل يېزا ئىگىلىكىگە قارىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىشلەپچىقىرىش باغچە رايونى، تۇرمۇش مەھەللىسى، ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونى يۇغۇرۇلغان بىر يېزا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئاللىققا ئايلانماقتا.

كۆپچىلىكنى توغرا يولغا يېتەكلىگەندە، پارتىيە ياچېيكىسى تەبىئىيلا خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ۋۇلىدۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەگە يېڭىدىن ئالتە نەپەر ئەزا تەرەققىي قىلدۇردى، كەنت كارخانىلىرى پارتىيەگە يېڭىدىن ئون نەپەر ئەزا تەرەققىي قىلدۇردى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەككىز نەپىرى 35 ياشتىن تۆۋەن داشۆ پۈتكۈزگەنلەر.

«باش شۇجى <كۈچلۈك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك>لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىزنىڭ كەنتتە قوشۇن بار بولدى!» دېدى ۋاڭ يىنشياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

«يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە»، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش»... بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ۋاڭ يىنشياڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى باشلاپ مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، ۋۇلىدۈن كەنتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. ئۇ كەنت، ئائىلىلەرنى ئارىلاپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ يىللىق يىغىنغا ئېلىپ كېلىدىغان تەكلىپلەرگە تەييارلىق قىلدى، شۇنداقلا كەنتتىكى يېڭى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى.

«باي بولۇش - بولالماسلىقتا پارتىيە ياچېيكىسىغا قاراش، كۈچلۈك بولۇش - بولالماسلىقتا <باشلامچى ياۋا غاز>غا قاراش كېرەك. ياخشى <پاراۋۇز> بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە <سۈرئەتنى تېزلىتىمەن>!» ۋاڭ يىنشياڭنىڭ تولۇق ئىشەنچىسى بار ئىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.