تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ھەربىر تال چاقىلىق چىلىنىنى «كىملىك»كە ئىگە قىلىش

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا) مۇخبىرنىڭ چاقىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، چاقىلىق ناھىيەلىك دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدا چىلان ئۇچۇرى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشى خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدە چىلان كەسپىنى قاپلىغان ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش ئارقىلىق، دەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چىلان سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان. شۇ چاغدا، كودنى پەقەت بىرلا سىكاننېرلىسا، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان چىلاننىڭ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ قايسى كەنتى، قايسى چىلانلىقتىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن.

   بۇ قۇرۇلۇش چىلان ئۇچۇرى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 13 مىليون يۈەن، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان. بۇ يىل قۇرۇلۇش باشلانغان چىلان ئۇچۇرى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى چىلان چوڭ سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسى، چىلان ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، چىلان بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈشتىكى «بىر پارچە سۈرەت» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تايىنىپ، چاقىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش مەركىزى چىلاننىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇپ، «ئىككى ئۆلچەملىك سىزىقلىق كود»نى يولغا قويۇپ، بازىنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، ماركا چاپلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، چىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى، تەكشۈرۈش- دەلىللەش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئۇچۇرى، مەھسۇلات سۈپىتى ھەم يۆنىلىش ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، دورا ئىشلىتىش، ئوغۇتلاش، يىغىۋېلىش ئۇچۇرى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ۋە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مول ھوسۇل ئېلىنغان چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلىنى. چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت (ماتېرىيال سۈرەت)

  «پۈتكۈل چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى پۈتكەندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش- باشقۇرۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، چىلان ئۆستۈرۈشنى باشقۇرۇش، يىغىش، سېتىشتىن تارتىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە بولغان ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىنى سىستېما سۇپىسىدا ۋاقتىدا ئىگىلەپ، چىلان كەسپىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.» چاقىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شى گوخەي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، ئىستېمالچىلار ئىككى ئۆلچەملىك سىزىقلىق كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق، سېتىۋالغان چىلىنىنىڭ چاقىلىق چىلىنى ياكى ئەمەسلىكىنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ قايسى كەنت، قايسى جاي، قايسى چىلانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى سۇ، تۇپراق، نۇر ۋە ئىسسىقلىق ئەھۋالى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدۇ، ھەربىر تال چىلاننىڭ «كىملىكى» بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە چاقىلىق چىلىنىنىڭ ماركا تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىناۋىتىنى قوغدىدى.

  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەسىدە ياز كۈنلىرى يامغۇر ئاز ياغىدۇ، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، بۇ ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتى بۇ يەردىن چىقىدىغان مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، يىراق- يېقىنغا داڭقىنى چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە چىلان ئەڭ داڭلىق ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 230 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق چىلان مەھسۇلاتى تەخمىنەن 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.