ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر فۇ مىنجيې
قۇرۇق، يېڭى مېۋىلەرنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؟ مېۋە-چېۋىلىرى چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قانداق بېجىرىدۇ؟
قومۇلدىكى يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، يېقىندا قومۇل تاموژنىسى قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 15 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ۋەكىللىرىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش تەرتىپى ۋە سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى.
2022-يىلى، قومۇل تاموژنىسى تۇنجى قېتىم تەۋەلىكىدىكى مېۋە-چېۋىلىرى چېگرادىن چىقىرىلىدىغان ئىككى مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئېلىشنى تاماملىغان بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى جەمئىي 1800 موغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى جياشياڭ مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قومۇل تاموژنىسى ۋە قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ياردىمىدە 127 مو باغنى رويخەتكە ئالدۇردى، ھوسۇل ئالغان 380 توننا قوغۇننىڭ ھەممىسىنى ۋېيتنام، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىپ، قومۇل شەھىرىدىكى مېۋە-چېۋىلىرى چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مېۋىلىك باغلارنى رويخەتكە ئالدۇرغان تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى.

«بۇ يىل، بىز يېڭىدىن 3000 مو مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قومۇل قوغۇنىنى ئېكىسپورت قىلىپ سىرتقا سېتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىشنى پىلانلاۋاتىمىز». جياشياڭ مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى ليۇ جيالىن مۇنداق دېدى: قومۇل قوغۇنىنى ئېكسپورت قىلىپ سىرتقا سېتىشنىڭ پايدىسى بىر قەدەر ياخشى، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش تەرتىپى ۋە سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، ئېكسپورت داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر ھەل قىلىمىز، «باشقا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىزنىڭ بۇ يەردىن تەجرىبە ئېلىشنى ئويلىسا، بىز بارلىق تەجرىبىلىرىمىزنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، قومۇل قوغۇنى ئېكسپورت ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىمىز».
«كارخانىلارغا قانداق رويخەتكە ئالدۇرۇش، چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىلەن قانداق ئۇدۇللىشىش قاتارلىق ھالقىلارنى چۈشەندۈردۇق. قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، قومۇل تاموژنىسى باشلامچى بولۇپ كارخانىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى، قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى باغۋەنلەر بىلەن چەت ئەل بازارلىرىنى ئۇدۇللاشتۇردى». قومۇل تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يۈ جىفېڭ مۇنداق دېدى: قومۇل تاموژنىسى داۋاملىق «يېشىل يول» ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئېكىسپورتىدىكى ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنا بېجى ئېتىبار سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا، تېخىمۇ كەڭ چەت ئەل بازارلىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى